ئەزەربەيجاندىكى تۈركىيە پۇقرالىرى 9 –ئاپرېل كۈنى بېلەت تاشلايدۇ

ئەزەربەيجاندىكى تۈركىيە پۇقرالىرى تۈركىيەدە 16 – ئاپرېل كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان رېفېراندۇم ئۈچۈن 9 – ئاپرېل كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 دىن كەچ سائەت 21 گىچە بېلەت تاشلايدۇ.

698748
ئەزەربەيجاندىكى تۈركىيە پۇقرالىرى 9 –ئاپرېل كۈنى بېلەت تاشلايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەزەربەيجاندا تىزىمغا ئالدۇرغان 6 مىڭ سايلىغۇچى 9 – ئاپرېل كۈنى تۈركىيەنىڭ باش ئەلچىخانىسى، گەنجە ۋە نەھچىۋان باش كونسۇلخانىلىرىدا ئاۋاز بېرىدىكەن، ناھايتى كۆپ ساندا تۈركىيەلىك ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتقان ئەزەربەيجاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاۋاز بېرىشكە قاتنىشىشى ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر