«ياۋروپادا ياشاۋاتقان تۈركلەر ياۋروپا قىتئەسىنىڭ كېلەچىكى»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ياۋروپادا ياشاۋاتقان تۈركلەرنىڭ ياۋروپا قىتئەسىنىڭ كېلەچىكى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

694108
«ياۋروپادا ياشاۋاتقان تۈركلەر ياۋروپا قىتئەسىنىڭ كېلەچىكى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئەسكىشەھىردە قىلغان سۆزىدە، غۇربەتچى تۈركلەرگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردىن ياۋروپادىكى قېرىنداشلىرىمغا شۇنداق خىتاب قىلىمەنكى، پەرزەنتلىرىڭلارنى تېخىمۇ ياخشى مەھەللىلەردە ياشىتىڭلار، ئەڭ ياخشى ئاپتوموبىللارنى ئىشلىتىڭلار، ئەڭ گۈزەل ئۆيلەردە ئولتۇرۇڭلار، ئۈچ ئەمەس، بەش پەرزەنتلىك بولۇڭلار، چۈنكى سىلەر ياۋروپانىڭ كېلەچىكى ھېسابلىنىسىلەر، سىلەرگە راۋا كۆرۈلۈۋاتقان ناھەقچىلىكلەرگە بېرىلىدىغان ئەڭ گۈزەل جاۋابمۇ شۇ بولىدۇ.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەدلىيە مەھكىمىسىنىڭ ياغلىق چېگىشنى مەنئىي قىلىشى توغرىلىقمۇ توختالغان ئەردوغان، «ئۇلارنىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىكىدىن جاق تويۇپ كەتتۇق. بىزدە دىنىي ئەركىنلىك بار، ئېتىقاد ئەركىنلىكى بار دەپ جار سېلىۋاتاتتىڭلارغۇ! ياغلىق چېگىشنى مەنئىي قىلىش تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش» دېدى.

گوللاندىيەنىڭ تۈركىيەلىك مىنىستىرلارغا تۇتقان ئىرقچىل، فاشىستىك ۋە يېڭى ناتسىستلارچە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىمۇ تەنقىد قىلغان ئەردوغان، مۇنداق دېدى: «دېموكراتىيەگە، ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە، دۆلىتىمىزنىڭ مىنىستىرىغا، بولۇپمۇ ئايال مىنىستىرىغا ئىشىكلىرىنى تاقىۋالغانلار ۋە مىنىستىرىمىزنى بىزنىڭ زېمىنىمىز ھېسابلىنىدىغان كونسۇلخانىمىزغا كىرىشىگە يول قويمىغانلارغا بىزنىڭمۇ ئىشىكلىرىمىز تاقاقتۇر. مېنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمغا ئۇچۇش چەكلىمىسى قويغانلارنىڭ كۆڭلىگە كەلمىسۇن، بۇنىڭدىن كېيىن بىزمۇ ئۇلارغا ئۇچۇش چەكلىمىسى قويىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر