تۈركىيە قىرىم تاتارلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى داۋاملىق قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە قىرىمدىكى ئۆزگىرىشلەرنى داۋاملىق كۆزىتىدىغانلىقىنى ۋە قىرىم تاتارلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى ئىزچىل قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
![تۈركىيە قىرىم تاتارلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى داۋاملىق قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/6bd4/4b37/39ce/58ccff2974568.jpg?time=1719050579)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراشلىق قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنى بېسىۋالغانلىقىغا ئۈچ يىل بولغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «خەلقئارا قانۇنغا ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا خىلاپ بولغان بۇ قىلمىش نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ئەھۋالنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم پۈتكۈل جاھانغا جاكارلايمىز.»
قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ 2014 – يىلى 16 – مارت كۈنى قانۇنسىز رېفېراندۇمغا ئاساسەن رۇسىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا داۋاملىق ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «تۈركىيە قىرىمدىكى ئۆزگىرىشلەرنى داۋاملىق كۆزىتىدۇ ھەمدە قىرىم تاتارلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى ئىزچىل قوغدايدۇ.»