تۈرك دۇنياسىنىڭ يۇنېسكوسى: تۈركسوي

تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ، «تۈرك دۇنياسىنىڭ يۇنېسكوسى: تۈركسوي» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

683416
تۈرك دۇنياسىنىڭ يۇنېسكوسى: تۈركسوي

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 

تۈركىي خەلقلەر ئارا مەدەنىيەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى - تۈركسوي (TÜRKSOY) 24 يېشىغا قەدەم باستى. «تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ، «تۈرك دۇنياسىنىڭ يۇنېسكوسى: تۈركسوي» ماۋزۇلۇق تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇھىم جامائەت دىپلوماتىيەسى ۋاسىتىسى بولغان <تۈركسوي> ۋە ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىنى تېما قىلغان ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

* * * * *

2000 – يىللار بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇھىم ئۇقۇملىرى قاتارىغا كىرگەن جامائەت دىپلوماتىيەسى، نۆۋەتتە تاشقى سىياسەتنىڭ ئۆزگىچە بىر ۋاسىتىسىغا ئايلاندى. سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشى، ئۇچۇر – ئالاقە تېخنولوگىيەلىرىنىڭ سۈرئەت بىلەن ئىلگىرىلىشى بىلەن جامائەت دىپلوماتىيەسى يېڭى بىر ئۇقۇم بولۇپ شەكىللەندى. تۈركىيە 2000 – يىللاردىن تارتىپ تاشقى سىياسەتتە تارىخىي ۋە مەدەنىي مىراسلىرىنى تەكىتلىگەن ھالدا، كۆپ تەرەپلىمىلىك تاشقى سىياسەت ئىجرا قىلماقتا. بۇ مەنىدە، جامائەت دىپلوماتىيەسىمۇ پائال تاشقى سىياسەتنىڭ بىر ۋاسىتىسى. تۈرك تاشقى سىياسىتىنىڭ قەدىمىي مايىللىق نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولغان تۈركىستان پۈتكۈل دۇنياۋى كۈچلەر ئالاھىدە قىزىقىش بىلەن قاراۋاتقان رايونلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۇقتىنى چىقىش قىلغان ھالدا، رايوندا مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلىۋاتقان خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى – تۈركسوينىڭ پائالىيەتلىرىگە نەزەر تاشلاپ چىقايلى.

تۈرك دۇنياسىنىڭ يۇنېسكو (UNESCO ب د ت  پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى) سى ھېسابلىنىدىغان خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى – تۈركسوي، 1993 – يىلى ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقلىرى تەرىپىدىن ئىمزالانغان كېلىشىم سايىسىدا قۇرۇلدى. كېيىنچە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قاراشلىق ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتلىرىدىن تاتارىستان، باشقۇردىستان، ئالتاي، ساھا، تۇۋا ۋە خاكاس جۇمھۇرىيىتى بىلەن بىرلىكتە مولداۋىيەگە قاراشلىق گاگاۋۇز يېرى ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى، تۈركسويغا كۆزەتكۈچى ئەزا سۈپىتىدە ئەزا بولدى. تۈركسوينىڭ 6 قۇرغۇچى ۋە 8 كۆزەتكۈچى بولۇپ جەمئىي 14 ئەزاسى بار.

تۈركسوي 24 يىلدىن بۇيان تۈرك خەلقلىرىنىڭ كۆڭۈل رىشتىسى ۋە قېرىنداشلىقىنى كۈچەيتىش، ئورتاق تۈرك مەدەنىيىتىنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش ۋە ئۇلارنى دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا. قۇرۇلۇش باسقۇچىدا «تۈركسوي» دېگەن ئىسىم «تۈرك كۈلتۈرى ۋە سەنئەتلىرى ئورتاق يۆنەتىمى (باشقۇرۇشى)» دېگەن سۆزلەرنىڭ باش ھەرپلىرىدىن شەكىللىنىدۇ. بىراق، كېيىنچە ئورتاق قارار چىقىرىپ، بۇ ئىسىم «خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى» غا ئۆزگەرتىلدى.

تۈركسوينىڭ پائالىيەتلىرىنى تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت مىنىستىرلىقلىرى دائىمىي كېڭىشى بېكىتىدۇ. دائىمىي كېڭەش يىغىنىدا چىقىرىلغان قارارلار، تۈركسوي باش كاتىباتلىقى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىدۇ. تۈركسوي، رەسساملار ئۇچرىشىشلىرى، ئوپېرا كۈنلىرى، ئەدەبىيات قۇرۇلتايلىرى دېگەندەك ئەنئەنىۋى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىلىم ئەھلىلىرى ۋە سەنئەتچىلەرنىڭ ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ.

تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق بايرىمى بولغان يېڭى كۈن / نورۇز، تۈركسوينىڭ 2010 – يىلى يۇنېسكو مەركىزىدە، 2011 – يىلى ب د ت  ئومۇمىي كېڭىشىدە ئۆتكۈزگەن تارىخىي تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى سايىسىدا دۇنياغا تونۇتۇلدى.

تۈركسوي ھەر يىلى پەرقلىق دۆلەتلەردىن يۈزلەرچە سەنئەتچىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ئارقىسىدا تىياتىردىن كىنوغىچە، مۇزىكىدىن ھەر خىل سەنئەت تۈرلىرىگىچە پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. تۈركسوي، ھەر خىل نەشرى ئەفكارلىرى ئارقىلىق تۈرك خەلقىنىڭ باي مەدەنىي مىراسىنى كەڭ تارقاتماقتا. تۈركسوي ژۇرنىلى تۈرك، رۇس ۋە ئىنگلىز تىللىرىدا نەشر قىلىنماقتا. يەنە تۈركسوي نەشرىياتىدىن چىققان تۈرك شېۋە ۋە تىللىرىدىكى ناھايىتى كۆپ ئەسەر 14 دۆلەتتە ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئۇچراشماقتا.

تۈركسوي ئۆتكۈزگەن خاتىرىلەش يىغىنلىرى ۋە ئېلان قىلغان خاتىرە يىللىرى ئارقىلىق تۈرك مەدەنىيىتىگە خىزمەت قىلغان ئۇلۇغۋار زاتلارنى ياشلارغا تونۇتىدۇ. تۈركسوينىڭ مەدەنىيەت ھاياتىمىزغا بېغىشلىغان يېڭىلىقلىرىنىڭ يەنە بىرى، تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت پايتەختى ئېلان قىلىش پائالىيىتىدۇر. بۇ دائىرىدە 2012 – يىلى ئاستانا، 2013- يىلى ئەسكىشەھىر، 2014 – يىلى قازان، 2015 – يىلى تۈركمەنىستاننىڭ مەرۋ شەھىرى تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت پايتەختى ئېلان قىلىندى. 2016 – يىللىق تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت پايتەختى شەكىدە چاقىرىلغان يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان پۈتكۈل ۋەكىللەرنىڭ بىردەك قارارى بىلەن، 2017 – يىللىق تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت پايتەختى قازاقىستاننىڭ تۈركىستان شەھىرى بولدى. بۇرۇنقى نامى «يەسى» بولغان تۈركىستان شەھىرى، پىكىر – قاراشلىرى ھېلىھەم تۈرك دۇنياسىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان خوجا ئەھمەد يەسەۋى دۇنياغا كەلگەن ۋە ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ياشىغان شەھەردۇر.

تۈرك كېڭىشى، تۈرك ئاكادېمىيەسى، تۈرك مەدەنىيەت ۋە مىراس ۋەقپى، تۈركسوي بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردۇر. تۈركسوي يەنە ئۆزى بىلەن ئوخشاش پىرىنسىپ ۋە نىشانغا ئىگە يۇنېسكو، ئېسېسكو ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر بىر گەۋدىسى ئىنسانىي ھەمكارلىق ۋەقپى دېگەندەك خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەنمۇ ھەمكارلىق ئورناتماقتا.

تۈركسوينىڭ باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى 2008 – يىلى 29 – مايدىن بۇيان قازاقىستاننىڭ سابىق مەدەنىيەت مىنىستىرى دۈسەن كاسېئىنوۋ ئۆتەپ كەلمەكتە. مۇئاۋىن باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى بولسا، تۈركىيەنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىلىم ئەھلىلىرىدىن پىروفېسسور دوكتور فىرات پۇرتاش ئۆتىمەكتە. تۈركسويدا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت مىنىستىرلىقلىرى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ۋەكىللەرمۇ ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.

تۈركسوينىڭ باش مەركىزى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىدۇر. نۆۋەتتە تۈركسوي تۈرك تىلى سۆزلىشىدىغان دۆلەت ۋە خەلقلەرنىڭ دائىرىسى ئەڭ كەڭ تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەزا ۋە كۆزەتكۈچى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت – ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقلىرىنىڭ ھەمنەپەس بولۇشى ئارقىسىدا پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان تۈركسوي، كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا جامائەت دىپلوماتىيەسى جەھەتتە ئۈلگىلىك بىر ئورگاندۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر