تۈركمەنىستان سايلام ھەلەكچىلىكىدە

تۈركمەنىستان خەلقى 7 يىل ۋەزىپە ئۆتەيدىغان پىرېزىدېنتىنى سايلام چىقىش ئۈچۈن بېلەت تاشلىدى.

670568
تۈركمەنىستان سايلام ھەلەكچىلىكىدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركمەنىستاندا بۈگۈن تەخمىنەن 3 مىليون 200مىڭ سايلىغۇچى ئالدىمىزدا تۈركمەنىستاننى 7 يىل باشقۇرىدىغان پىرېزىدېنتىنى سايلاپ چىقىش ئۈچۈن بېلەت تاشلىدى.

تۈركمەنىستاننىڭ نۆۋەتتىكى پىرېزىدېنتى گۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋنىڭ، 8 نامزات رىقابەتلەشكەن سايلامدا ئۇتۇپ چىقىش ئېھتىمالى يۇقىرى ئىكەن.  

گۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋ بۇ قېتىممۇ پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان تەقدىردە ئۈچىنچى قېتىم تۈركمەنىستاننىڭ پىرېزىدېنتى بولىدۇ.

بۇ قېتىمقى سايلام تۈركمەنىستاندا ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسى ماقۇللانغاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى سايلام ھېسابلىنىدۇ.

ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈش بىلەن پىرېزىدېنتنىڭ ئالدىدىكى 70 ياش بەلگىلىمىسى بىكار قىلىنىپ 5 يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 7 يىلغا چىقىرىلغانىدى.

تۈركمەنىستاندا سايلام ۋاقتى بۈگۈن يەرلىك سائەت 19:00دا ئاخىرلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر