2-قېتىملىق ئاستانا يىغىنى ئېچىلدى

تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران سۈرىيەدىكى تىنچلىق مۇساپىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا يەنە بىر قېتىم كۆرۈشتى.

666001
2-قېتىملىق ئاستانا يىغىنى ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران سۈرىيە تىنچلىق مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا يەنە بىر قېتىم كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە، ئۈچ تەرەپ مېخانىزمى دائىرىسىدە، سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قانداق ئىجرا قىلىش مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىنىدى. كۆرۈشۈشكە، ب د ت مەسئۇللىرى قاتناشتى، ئەمما سۈرىيەدە ئۇرۇشۇۋاتقان تەرەپلەر قاتناشمىدى.

تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ باشچىلىقىدا 23-24-ئيانۋار ئاستانادا چاقىرىلغان سۈرىيە يىغىنىدا، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يولغا قويۇلىدىغان تەدبىرلەر مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، ئامېرىكا، ئىران، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان ئىدى. يىغندا، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران ئۇرۇش توختىتىشنى كۈچەيتىش ھەمدە ئىجرا قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر