تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا تەييارلىق قىلماقتا

چەت ئەللەردە ياشايدىغان تۈركمەنىستان پۇقرالىرى ئۈچۈن بېلەت تاشلاشنى باشلىدى.

664163
تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا تەييارلىق قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركمەنىستاندا 12 – فېۋرالدا پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ چەت ئەللەردە ياشايدىغان تۈركمەنىستان پۇقرالىرى ئۈچۈن بېلەت تاشلاشنى باشلىدى.

سايلامدا تۇنجى قېتىم ئۈچ سىياسىي پارتىيەنىڭ نامزاتلىرى قاتنىشىدۇ؛ سايلامدا تۈركمەنىستان دېموكراتىك پارتىيەسىدىن نامزات كۆرسىتىلگەن ھازىرقى پىرېزىدېنت گۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 9 كىشى رىقابەتلىشىدۇ.

تۈركمەنىستاندا ئۆتكەن يىلى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن ئۆزگەرتىش سايىسىدا پىرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 5 يىلدىن 7 يىلغا چىقىرىلغان ۋە پىرېزىدېنت بولۇش ئۈچۈن 70 ياشتىن ھالقىمىغان بولۇش چەكلىمىسىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانىدى.

سايلام ھەم دۆلەت ئىچىدىكى كۆزەتكۈچىلەر ھەم ھەر قايسى خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن تەكلىپ قىلىنغان كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن كۆزىتىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر