قىرغىزىستاندا ئاممىۋىي سورۇنلاردا تىللاشقانلار جازاغا تارتىلىدىغان بولدى

قىرغىزىستاندا ئاممىۋىي سورۇنلاردا ئەتراپىدىكىلەرنى بىئارام قىلىش، ھاقارەت قىلىش ۋە ئىسپىرىتلىق ئىچىملىكلەرنى ئېچىش رەسمىي مەنئىي قىلىندى.

658716
قىرغىزىستاندا ئاممىۋىي سورۇنلاردا تىللاشقانلار جازاغا تارتىلىدىغان بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان پىرېزىدېنتلىقى ئاخبارات مەركىزىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پىرېزىدېنت ئالمازبېك ئاتامبايېۋنىڭ پارلامېنت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان جەمئىيەت تەرتىپى ۋە بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ئاساسىدىكى تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇن تەكلىپىنىڭ تەستىقلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئاممىۋىي سورۇنلاردا ئەتراپىدىكىلەرنى بىئارام قىلىش، ھاقارەت قىلىش، ئىسپىرىتلىق ئىچىملىكلەرنى ئېچىش ۋە مەس ھالەتتە يۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن باشقا يەنە، بويىغا يەتمىگەنلەرنى سەلىبىي پوزىتسىيەلەرگە ئۇچراشتىن قوغداشنى مەقسەت قىلغان قانۇن ئارقىلىق ياشلار ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئەخلاق سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش نىشان قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

بۇ قانۇن دائىرىسىدە مەزكۇر ئىشلارنى سادىر قىلغانلارغا 15 دوللاردىن 45 دوللارغىچە جەرىمانە قويۇلىدىغان بولدى. جەرىمانە تۆلىمىگەنلەرگە 8 سائەت دۆلەت خىزمىتىدىن توختىتىش ياكى 10 كۈنلۈك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. 

بويىغا يەتمىگەنلەرگە سەلەبىي پوزىتسىيەدە بولغانلارغا 145 دوللارغىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

جەمئىيەت تەرتىپى ۋە بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش تەدبىرلىرى قانۇنى 1 - فېۋرالدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر