ئامېرىكا ئاستانەدىكى سۈرىيە مۇزاكىرىلىرىگە كۆزەتكۈچى ئەۋەتىدىغان بولدى

23 – يانۋار دۈشەنبە كۈنى ئاستانەدە باشلىنىدىغان سۈرىيە مۇزاكىلىرىگە ئامېرىكىنىڭ ئاستانەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چورج كىرول كۆزەتكۈچى بولۇپ قاتنىشىدىغان بولدى.

656626
ئامېرىكا ئاستانەدىكى سۈرىيە مۇزاكىرىلىرىگە كۆزەتكۈچى ئەۋەتىدىغان بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاستانەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سۈرىيە مۇزاكىرىلىرىگە كۆزەتكۈچى بولۇپ قاتنىشىدىغان بولدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋەكىلى مارك تونېر 23 – يانۋار دۈشەنبە كۈنى ئاستانەدە باشلىنىدىغان سۈرىيە مۇزاكىلىرىگە ئامېرىكىدىن بىر ھەيئەتنىڭ ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مارك تونېر بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكىدىكى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشى سەۋەبىدىن بەزى جىددىي خىزمەتلەرنىڭ زىچلىقىنى سەۋەب كۆرسەتتى.

ئامېرىكىغا ۋاكالىتەن ئاستانەدىكى سۈرىيە مۇزاكىرىلىغا ئامېرىكىنىڭ ئاستانەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چورج كىرول قاتنىشىدىغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر