«شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولسۇن»

تۈركىيە ئېلېكتر ئىستانسىلىرى ۋە سىياسەتلىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى ئوغۇزخان ئاقيەنەر شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىشى تەكلىپىنى سۇندى.

653365
«شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولسۇن»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقيەنەر ئەگەر مەسىلىگە چارە تاپقىلى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى ئورنى ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى توغرۇلۇق تەكلىپ سۇندى.

ئاقيەنەر مۇنداق دېدى: «شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرا مەزگىلدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئېنېرگىيە گۇرۇپپىسىغا ئەزا بولۇشى مۇمكىن، ھەتتا ئۇزاق مەزگىلدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا تولۇق ئەزا بولۇشى مۇمكىن. ئۆزىنىڭ ھەققى بولغان ئىختىلاپلىق دېڭىز ساھەلىرىدە رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ چوڭ نېفىت شىركەتلىرى بىلەن ئورتاق نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر