تۈركىيە ۋە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردە 2016 – يىلى قانداق ئۆتتى؟

«تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپىدىكى مەسىلىلەر» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، تەتقىقاتچى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ «تۈركىيە ۋە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردە 2016 – يىلى قانداق ئۆتتى؟» ماۋزۇلۇق تېمىسىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

650830
تۈركىيە ۋە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردە 2016 – يىلى قانداق ئۆتتى؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ، 2016 – يىلى تۈركىيە ۋە تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى كۆپلىگەن ھادىسىلەرگە گۇۋاھ بولدى. بۇ نۇقتىنى نەزەردە تۇتۇپ، «تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپىدىكى مەسىلىلەر» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ «تۈركىيە ۋە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردە 2016 – يىلى قانداق ئۆتتى؟» ماۋزۇلۇق تېمىسىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

* * * * *

2016 – يىلى تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئۈچۈن قىيىن بىر يىل بولدى؛ تېررورلۇق ۋە دۇنيا ئىقتىسادىدىكى چېكىنىش رايوننىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مەسىلىلىرىنى تەشكىل قىلدى.

ئالدى بىلەن تۈركىيە ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەيلى: تۈركىيە 2015 – يىلى 1 – نويابىر سايلاملىرى بېغىشلىغان سىياسىي مۇقىملىققا قارىماي، 2016 – يىلى بويىچە ناھايىتى كۆپ ئېغىر مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى.

دۆلەت ئورگانلىرىدىكى قانۇنسىز تەشكىللىنىشى تۈپەيلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن بىخەتەرلىك تەھدىتى، دەپ قارالغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى 15 – ئىيۇل كېچىسى قانلىق بىر ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇندى. ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ تۈرك مىللىتىنىڭ جەسۇرلۇق بىلەن ھالدا تانكىلارنىڭ ئالدىغا چىقىشى ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ توغرا رەھبەرلىكى سايىسىدا باستۇرۇلۇشى، تۈركىيە ئۈچۈن بورۇلۇش نۇقتىسى بولدى.

سۈرىيەدىكى كىرىزىستىن ئوزۇق ئالغان PKK ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تۈركىيەدە تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلدى. سادىر قىلغان ۋەقەلىرى بىلەن بىر – بىرلىرىگە ھەمدەم بولغان شۇنداقلا بۇ ئىككى تېررورلۇق تەشكىلاتى گويا يوشۇرۇن ئىتتىپاقداشلىق ئورناتقاندەكلا ئىستانبۇل، ئەنقەرە، ئادانا، قەيسەرى، غازىئانتەپ ۋە دىيارباكىر ۋىلايەتلىرىدە قەتلىئاملارنى سادىر قىلدى. تۈركىيە بۇ ۋەقەلەرنى سادىر قىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى پاناھلىنىۋاتقان سۈرىيەدىلا يوقىتىپ تاشلاش مەقسىتىدە فىرات قالقىنى ھەرىكىتىنى باشلىدى. تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدىكى ئەركىن سۇرىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئازەز – جەرابلۇس لىنىيەسىنىڭ دائېشتىن خالىيلاشتۇرۇلۇشى بولسا، ھەم دائېش ھەم PKK غا قارشى كۈرەش يولىدا تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم بولدى.

تۈركىيە ئىقتىسادى دۇنيا ئىقتىسادىدىكى تۇرغۇنلۇق ۋە تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قارىماي، 2016 – يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشتى. ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى يۈز بەرگەن ئۈچىنچى چارەكتە بولسا، قىسمەن چېكىنىش كۆرۈلدى.

قازاقىستانغا كەلسەك، قازاقىستان ئىقتىسادى نۇقتىلىق ھالدا نېفىت ئېكسپورتىغا تايىنىدۇ. شۇڭا نېفىت باھاسىدىكى تۆۋەنلەش قازاقىستان پۇل بىرلىكى – تەڭگىگە مەنپىي تەسىر كۆرسەتتى ۋە تەڭگە ئېغىر شەكىلدە قىممىتىنى يوقاتتى. سەلبىيلىكلەرگە قارىماي قازاقىستان ئىقتىسادى نەزەربايېۋ رەھبەرلىكىنىڭ ئاقىلانە سىياسەتلىرى سايىسىدا بۇ مۇساپىدە ئېغىر زەربىگە ئۇچراپ كەتمىدى.

قازاقىستاندا 20 – مارتتا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىدا ئۈچ پارتىيە پارلامېنتقا كىردى. سايلام نەتىجىسىدە، ئومۇمىي ئاۋازنىڭ %82.15 ىنى ئالغان نۇر ئوتان پارتىيەسى 83 پارلامېنت ئەزاسىغا، %7.18 ئاۋاز ئالغان ئاق يول پارتىيەسى 8 پارلامېنت ئەزاسىغا ۋە %7.14 ئاۋازغا ئېرىشكەن كوممۇنىست پارتىيەسى 7 پارلامېنت ئەزاسىغا ئېرىشتى.

ئىيۇن ئېيىدا ئاقتۆبە شەھىرىدە بىر گۇرۇپپا ئاشقۇن قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى پەيدا قىلدى. ھۇجۇمدا 7 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 20 ئادەم يارىلاندى. ھۇجۇمنى سادىر قىلغان رۇسلان كۇلىكبايېۋ ئىسىملىك تېررورچى، قازاقىستاندا بۇنىڭدىن ئىلگىرى پەقەت ئىجرا قىلىنىپ باقمىغان ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

2016 – يىلىنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەن كاشاگان نېفىت ساھەسىدە 8 – 9 مىليون توننا نېفىت ۋە 5 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. 2017 – يىلى نېفىتنىڭ ۋارىل باھاسىنى 50 دوللار، دەپ ھېسابلىغىنىمىزدا، دۆلەت خامچوتى 135 مىليون دوللار پايدا ئالىدۇ.

تۈركمەنىستانغا كەلسەك، ئاساسىي كىرىم مەنبەسى بولغان تەبىئىي گاز باھاسىنىڭ ئۈچ يىل بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا، تەڭمۇتەڭ دېگۈدەك تۆۋەنلەپ كېتىشى، 2016 – يىلى تۈركمەنىستاننى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيناپ قويدى. تۈركمەنىستان بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر پىلاننى ئوتتۇرىغا قويدى. خىتاينىڭ ياردىمى سايىسىدا تۈركمەنىستان تەبىئىي گازىنى خىتايغا توشۇيدىغان بىر تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنى باشلىدى. بۇ قۇرۇلۇش پۈتكەندە تۈركمەنىستاننىڭ خىتايغا 30 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. تەبىئىي گاز ساھەسىدىكى تۇرغۇنلۇق يۈزىسىدىن بۇ ساھەدە ئىشلەۋاتقان تۈركمەنلەرنىڭ (مۆلچەرلەرگە ئاساسلانغاندا) %50 ى ۋاقىتلىق ئىشسىز قالدى. تەبىئىي گاز ساھەدىكى تۇرغۇنلۇق دۆلەت ئىقتىسادىغا مەنپىي تەسىر كۆرسەتتى ۋە ئۇن، شېكەر ، ياغ دېگەندەك ئاساسلىق ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنىڭ بازارغا سېلىنىشىدا مەسىلىلەرنى پەيدا قىلدى.

تۈركمەنىستان «دائىمىي بىتەرەپ دۆلەت» سالاھىيىتى يۈزىسىدىن خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن ۋە باشقا دۆلەتلەردىن ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىگە ياردەم تەلەپ قىلىشتىن يىراق تۇرماقتا. لېكىن، بۇ جەرياندا تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەت ھەمكارلىق كېڭىشى (تۈرك كېڭىشى) ئەزالىرىدىن (باشتا تۈركىيە بولۇپ) ياردەم ئېلىشى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ تېخىمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل بولۇشىغا ياردەمچى بولىدۇ. تۈركمەنىستاننىڭ تۈرك كېڭىشى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشى ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىي قاتارلىق ھەر جەھەتتىن ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىقتۇر.

ئۆزبېكىستان؛ ئۆزبېكىستان ئۈچۈن 2016 – يىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۆزگىرىشى 2 – سېنتەبىردە پىرېزىدېنت ئىسلام كەرىموۋنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى بولدى. كەرىموۋنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن شەۋكەت مىزىيايېۋ پىرېزىدېنت بولدى. مىرزىيايېۋ دەۋرى ئۆزبېكىستان ئۈچۈن يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلانغۇچى. كەرىموۋ تۈرك كېڭىشى قاتارلىق رايون خاراكتېرلىك ھەمكارلىق ئورنىتىش پائالىيەتلىرىگە مۇساپە قويۇپ مۇئامىلە قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. بۇ سىياسەتنىڭ ئۆزگىرىشى رايوندىكى پۈتكۈل ئاكتىيورلار ۋە ئۆزبېكىستانغا پايدىلىق بىر دەۋرنىڭ يولى داغداملاشتۇرۇشى مۇمكىن.

قىرغىزىستانغا كەلسەك، قىرغىزىستان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ساھەسىدە ئىستېمالچى دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن، 2016 – يىلى تۆۋەنلىگەن باھا سەۋەبىدىن ئەركىن نەپەس ئالدى. قىرغىزىستان كانچىلىق ساھەسىدە (خۇسۇسەن ئالتۇن) باشتىن كەچۈرۈۋاتقان مەبلەغ سالغۇچى يېتەرسىزلىكى قىيىنچىلىقىنى 2016 – يىلىدىمۇ داۋاملاشتۇردى. 2017 –يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان پىرېزىدېنتلىق سايلىمى قىرغىزىستاننىڭ ئالدىمىزدىكى يىلدىكى ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرىنىڭ بىرى بولىدۇ.

كېلەيلۇق ئەزەربەيجانغا؛ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز باھاسىدىكى تۆۋەنلەش، ئالدىنقى قاتاردىكى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان ئەزەربەيجان ئىقتىسادىغا 2016 – يىلى مەنپىي تەسىر كۆرسەتتى. نېفىت ۋە تەبىئىي گاز، ئەزەربەيجان مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %30 نى تەشكىل قىلىدۇ. ئەزەربەيجان 2017 – يىلى بىلەن بىرلىكتە گاز ۋە نېفىتتىن پۈتۈنلەي مۇستەقىل تەرەققىيات مودېلىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى پىلانلىماقتا. بۇنىڭ ئۈچۈن كۈنتەرتىپە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى بىر ئىسلاھات پىلانى بار. ئەزەربەيجان 2017 – يىلىدىن باشلاپ دىققىتىنى يېزا – ئىگىلىك، ئۇچۇر- ئاخبارات، تېخنولوگىيە، ساياھەتچىلىك دېگەندەك غەيرىي نېفىت ساھەلىرىگە مەركەزلەشتۈرىدۇ.

ئەزەربەيجان (ئەرمەن ئىشغالى ئاستىدىكى) نىڭ تاغلىق قاراباغ رايونىدا ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئارىسىدا 1994 – يىلى ئىمزالانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن بۇيان ناھايىتى ئېغىر توقۇنۇشلار بولۇپ ئۆتتى. 2016 – يىلى 2 – ئاپرېلدىن 5 – ئاپرېلغىچە بولغان جەرياندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر تارىخ سەھىپىلىرىدىن تۆت كۈنلۈك ئۇرۇش، دېگەن نامدا ئورۇن ئالدى. شۇنداقلا بۇ ئۇرۇش 20 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان پائالىيەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ ھازىرغىچە ئۈنۈم يارىتالمىغانلىقى ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئەزەربەيجاننىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنسىكىي گۇرۇپپىسىنىڭ قانچىلىك زەئىپ ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت رېئاللىقنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر