ئەزەربەيجاندا تەبىئىي گاز تۇرۇببا لىنىيەسى پارتلاپ كەتتى

ۋەقەنى جىددىي تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى باشلاندى.

638880
ئەزەربەيجاندا تەبىئىي گاز تۇرۇببا لىنىيەسى پارتلاپ كەتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا تەبىئىي گاز تۇرۇببا لىنىيەسى پارتلاش سەۋەبىدىن ئوت كېتىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

پارتلاشتا ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىدار بولۇش ۋەقەسى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، بىراق بەزى ئۆيلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پارتلاشنىڭ سەۋەبى تېخىچە ئېنىقلانمىدى. جىددىي تەكشۈرۈش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر