300 ئاھىسكا تۈرك ئائىلىسى تۈركىيەگە قوبۇل قىلىنىدۇ
ئۇكرائىنانىڭ خەتەرلىك رايونلىرىدا ياشاۋاتقان ئاھىسكا تۈركلىرى ئىچىدە 300 ئائىلە تۈركىيەگە كۆچمەن سالاھىيىتىدە قوبۇل قىلىنىدۇ.
638379
![300 ئاھىسكا تۈرك ئائىلىسى تۈركىيەگە قوبۇل قىلىنىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/0161/4bc6/8b90/5861ecba03b6a.jpg?time=1719029147)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنالىق 300 ئاھىسكا تۈرك ئائىلىسى تۈركىيەگە قوبۇل قىلىنىدۇ.
ئۇكرائىنادا توقۇنۇشلار يۈز بېرىۋاتقان خەتەرلىك رايونلاردا ياشاۋاتقان 300 ئاھىسكا تۈرك ئائىلىسىنىڭ تۈركىيەگە كېلىپ ماكانلىشىش ئۈچۈن يازغان ئىلتىماسى قوبۇل قىلىندى. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قارارنامە رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى.
قارارنامىگە ئاساسلانغاندا، ئۇكرائىنادا بولۇپمۇ توقۇنۇشلارغا سەھنە بولغان خەتەرلىك رايونلاردا ياشاۋاتقان ئاھىسكا تۈركلىرى ئىچىدە تۈركىيەگە كېلىش ئارزۇسى بولغان 300 ئائىلە تۈركىيەگە كۆچمەن سالاھيىتىدە قوبۇل قىلىنىدۇ.