خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى يۇمشىتىشنى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي مەسئۇللىرى تۈركىيە ھەيئىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلاردا، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتنى يۇمشىتىدىغانلىقىنى، تېخىمۇ ئىنسانپەرۋرەلىك ئاساسىدىكى بىر باسقۇچقا قەدەم قويۇشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

620051
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى يۇمشىتىشنى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن بىرسى بولغان «ساباھ گېزىتى»نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىندى.

«ساباھ گېزىتى»نىڭ «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ چاقىرىقىغا خىتايدىن ئىجابىي قەدەم» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلار قەيت قىلىندى:

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئالاقىدار باياناتلىرى دۇنيانىڭ كەنتەرتىپىدە كەڭ ئىنكاس پەيدا قىلدى. بۇ ئىلگىرىلەشلەردىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە بولغان سەزگۈرلۈكىنى نەزەردە تۇتقان خىتاي دائىرىلىرى مۇھىم بىر قەدەم تاشلىدى.

بىر قانچە كۈن ئىلگىرى تۈركىيە – خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە ساياھەت مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۈرۈش ئۈچۈن مالىيە ئىستىخبارات مۇتەخەسسىسى تاھا گەرگەرلىئوغلۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 18 كىشىلىك تۈركىيە ھەيئىتى بىلەن خىتاي مەسئۇللىرى بىر يەرگە جەم بولغان ئىدى. خىتاي مەسئۇللىرى ئۇيغۇر ياشلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىشقان ئىدى.

بۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن خىتاي مەسئۇللىرى خىتايدا ئوقۇۋاتقان 300 گە يېقىن ئۇيغۇر ئۇقۇغۇچىغا ئۇقۇش ياردەم پۇلى بېرىشنى باشلىدى. ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ئوقۇش ياردەم پۇلىنىڭ 1000 تۈرك لىراسىدىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

تارىخىي قەدەم؛ خىتاي ئۇيغۇر تۈركلىرى ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايدۇ

خىتاي مەسئۇللىرى ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلاردا يەنە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتنى يۇمشىتىدىغانلىقىنى، تېخىمۇ قانۇنىي ۋە ئىنسانپەرۋرەلىك ئاساسىدىكى بىر باسقۇچقا قەدەم قويۇشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلەشتى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرى مەسىلىسىدە، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار بىلەن زىدىيەتلىشىشنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى ھەمدە بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن تۈركىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلىدىغانلىقلىرىنى ئۇچۇق بايان قىلدى.

ئۇچرىشىشنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ۋە خىتايدىكى زىيارەت جەريانىدا، ھەيئەت باشلىقى بولغان مالىيە ئىستىخبارات مۇتەخەسسىسى تاھا گەرگەرلىئوغلۇ، تۈركىيە – خىتاي ئوتتۇرىسىدا يېڭى بىر باسقۇچنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېيتتى.

تاھا گەرگەرلىئوغلۇ: «خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزدە شەرقىي تۈركىستان – ئۇيغۇر تۈركلىرى مەسىلىسى ھەم تارىخىي، ھەم مىللىي، ھەم دىنىي، ھەم ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ۋىجدانىي بىر مەسىلە بولۇش سۈپىتى بىلەن مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ مەسىلىنى خىتايمۇ تونۇپ يەتكەن ئەھۋالدا تۇرماقتا. بۇ تونۇش دائىرىسىدە خىتاي مەسئۇللىرى تۈركىيە ھەيئىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەردە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدە تېخىمۇ يۇمشاق، تېخىمۇ قانۇنىي ۋە تېخىمۇ ئىسانپەرۋەرلىك ئاساسىدىكى بىر باسقۇچقا قەدەم قويۇشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى. خىتاي مەسئۇللىرى شەرقىي تۈركىستان - ئۇيغۇر تۈركلىرى مەسلىسىدە، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار بىلەن زىدىيەتلىشىشنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى ھەمدە بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن تۈركىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلىدىغانلىقلىرىنى ئۇچۇق ئوتتۇرىغا قويدى» دېدى.

ئۇيغۇر تۈركلىرىگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەر تېخىمۇ كېڭەيتىلىدۇ

تاھا گەرگەرلىئوغلۇ: «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئاكتىپ قاتنىشىش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ياشلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىدا خىزمەتكە ئورۇنلىشىشىنى ئاسانلاشتۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى ۋە بۇ جەھەتتە تېخىمۇ ياخشى قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن كۆپرەك بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيەتلىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىغانلىقلىرىنى تىلغا ئالدى. تۈركىيەدە 5 ئۇنىۋېرسىتېت بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان كۇڭزى فوندى جەمئىيتىنىڭ يۈنۈس ئەمرە ئىنسىتېتۇتى بىلەن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھەمكارلىق ئورنىتىشنى ۋە بىرلىكتە تۈركىيە – خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى» دېدى.

تۈركىيە- خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە ساياھەت مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن خىتايدا زىيارەتتە بولغان 18 كىشىلىك تۈركىيە ھەيئىتى ھەر يىلى ئاز دېگەندە 1 مىليون خىتاي ساياھەتچىنىڭ تۈركىيەگە كېلىشى ئۈچۈن رامكا كېلىشىمى ئىمزالىغان ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، «خەۋەردە، تۈركىيە ھەيئىتى كۆرۈشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىسمى ياكى سالاھىيەتلىرىنىڭ تىلغا ئېلىنماسلىقى ئادەمنى تولىمۇ ئويغا سالىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر