تۈرك – ئسلام داۋاسىنىڭ ھارماس جەڭچىسى

تۈرك – ئسلام داۋاسىنىڭ ھارماس جەڭچىسى: ئوسمان يۈكسەل سەردەنگەچتى.

608058
تۈرك – ئسلام داۋاسىنىڭ ھارماس جەڭچىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹سەردەنگەچتى› ژۇرنىلى» نىڭ قۇرغۇچىسى، سىياسىييون، ژۇرنالىست ۋە شائىر ئوسمان يۈكسەل سەردەنگەچتى ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 33 – يىللىقى خاتىرىلەنمەكتە.

ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ئوسمان زەكى يۈكسەل  بولۇپ، جۇمھۇرىيەت دەۋرىدە  تۈرك – ئىسلام چۈشەنچىسىنىڭ كۈرەشچان مۇتەپەككۇرلىرىدىن  بىرى ئىدى.

1917 – يىلى 15 – ماي كۈنى ئانتاليادا تۇغۇلغان ئوسمان يۈكسەل سەردەنگەچتى 1974 – يىلى «‹سەردەنگەچتى› ژۇرنىلى» نى چىقاردى.

ژۇرنالنىڭ تۇنجى سانىدا « سەردەنگەچتىلەر» ئىمزاسى بىلەن ئېلان قىلىنغان باشماقالىدە، «سەردەنگەچتىلەر ھەقىقىي مىللەتچىلەردۇر مىللەتچىلىك بىزگە نىسبەتەن بىر ۋاسىتە ئەمەس، ئەكسىچە بىۋاسىتە غايىدۇر» چۈشەنچىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

 ژۇرنال تۈرك – ئىسلام چۈشەنچىسىگە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى.

ئاپتور بۇ ژۇرنالدىكى ماقالىلىرىدە «سەردەنگەچتى» تەخەللۇسىنى ئىشلەتتى، كېيىنچە فامىلىسىنىمۇ سەردەنگەچتىگە ئۆزگەرتتى.

ئۇ، كەمتەرلىكى، كۈرەشچان روھى بىلەن تونۇلغان، 1923 – يىلى 29 – ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ تاكى ۋاپات بولغىچە بولغان 50 يىل ئىچىدە پىكىر ۋە سىياسىي ھاياتىدا ئەڭ كۆپ كۈنتەرتىپ ماددىسى شەكىللەندۈرگەن شەخسلەردىن بىرى ئىدى.

«‹ TRT› رادىيوسى» داا سۆزلىگەن نۇتۇقلىرى بىلەنمۇ تونۇلغان ئاپتور، «بۇ مىللەت نېمىشقا يىغلايدۇ؟»، «ئاياسوفىيە داۋاسى»، «مەۋلانا ۋە مەھمەت ئاكىف»، «كۈلكىلىك ھەقىقەتلەر»، «قارا كىتاب»، «مۇسۇلمان بالىنىڭ شېئىر كىتابى»، «رادىيو سۆھبەتلىرى»، «ئاقدېڭىز ھىلالنىڭدۇر» قاتارلىق كۆپلىگەن ئەسەرلىرىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئۇچراشتۇردى.

يازغۇچى پاركىنسون كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، 1983 – يىلى پايتەخت ئەنقەرەدە  بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر