ئامېرىكىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە سەنئىتى تونۇشتۇرۇلدى

ئامېرىكىدىكى خەلقئارالىق داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇيغۇر تىلى ۋە سەنئىتى تونۇشتۇرۇلدى

588912
ئامېرىكىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە سەنئىتى تونۇشتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدىكى دۇنياغا داڭلىق ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تىللىرى مەركىزىدە ئىزچىل تۈردە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى، فېستىۋاللار ۋە كۆرگەزمىلەر ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. مەركەزنىڭ – ئوقۇ – ئوقۇش ۋە تەتقىقات قاتارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ نىشانى ئاساسەن ئەزەربەيجان، دارى، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل، پاشتون، تاجىك، تىبەت، تۈرك، تۈركمەن، ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك تىللىرى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىۋېرسىتېت ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇشقا زېمىن ھازىرلاپ بەرمەكتە. ئوتتۇرا ئاسىيا تىللىرى مەركىزىنىڭ ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 7- 9-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى بلوئومىڭتون تارمىقىدا ئۆتكۈزۈلدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى «ئوتتۇرا ئاسىيا تىللىرى ۋە تىلشۇناسلىقى»  تېمىسىى ئاستىدا چاقىرىلغان يىغىنغا گېرمانىيە، ئەنگلىيە، كانادا، ياپونىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى ئىشتاتلىرىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىس ۋە دوكتورانت قاتارلىق 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.

يىغىندا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تىلشۇناسلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تىللىرىنى تەتقىق قىلىۋاتقان دوكتورانت ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاساسلىق تىللار تېما قىلىنغان دوكلاتلارنى سۇنغان. ئىلمىي دوكلاتلاردا، ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ئىلمىي ماقالىلەر ئوقۇپ ئۆتۈلگەن.

ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئۇيغۇرلاردىن مۇستاپا ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر تىلىغا ئۆزلەشكەن ئىنگلىز تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ سىنتاكسىتلىق ۋە فونولوگىيەلىك ئۆزگىرىشى» دېگەن تېمىدا بەرگەن ئىلمىي دوكلاتى ئالاھىدە قىزىقىش قوزغىغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە،  گېرمانىيەدىن كەلگەن تىلشۇناس ماركەل ئەردالمۇ تۈركى تىللار ھەققىدىكى بەرگەن دوكلاتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر تىلدىن بەزى مىساللارنى كەلتۈرگەن.

يىغىن جەريانىدا چەت ئەللىك كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر تىلىغا ئالاھىدە قىزىقىپ، پات - پات ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشچانلىقى توغرىسىدا سوئاللارنى سورىغان.

بۇ جەرياندا يەنە، كۆرگەزمە ۋە مەخسۇس ناخشا - ئۇسسۇل كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلگەن. 8- ئۆكتەبىر كۈنى كەچتە كونسېرت بېرىلگەن. تۈركچە، قازاقچە ۋە پارسچە ئېيتىلغان ناخشا - ئۇسۇللار ئارىسىدا ئۇيغۇر ناخشا - ئۇسۇللىرى ئالاھىدە ئالقىشقا ئېرىشكەن.

نۆۋەتتە ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تىلشۇناسلىق، سودا، ئىنسانشۇناسلىق ۋە خەلقئارا سىياسەت قاتارلىق كەسىپلەردە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار كۆپ خىل پەن، كۈپ خىل مەدەنىيەتلەر جۇغلانغان بۇ مەكتەپنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىلمىي پائالىيەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش پۇرسەتلىرىنى قولدىن بەرمەي ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە ئىكەن. بىرقانچە يىلدىن بۇيان بۇ مەكتەپتە ئۇيغۇر تىلى دەرسلىرى كۇرسلىرى تەسىس قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى قىزىقىپ ئۆگەنگۈچىلەر بارغانچە كۆپەيمەكتە ئىكەن. بۇ مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىۋاتقان ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار 11-ئايدا بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ تىپتىكى كونسېرتقا تەييارلىق كۆرمەكتە ئىكەن.

11-نويابىر كۈنى خەلقئارالىق «مارتېن ئەننالس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نىڭ ساھىبى بولغان ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەرمۇ شۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى ئىكەن.

 خىتاي تۈرمىسىدىكى ئىلھام توختى ئەپەندى ئىلگىرى ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن بىر يىللىق زىيارەتچى ئالىم بولۇشقا تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئامېرىكىغا قاراپ يولغا چىقىش ئالدىدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئايرودرومدا توسۇپ قېلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر