ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدا باشلاندى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ 8 – نۆۋەتلىك ئۇيغۇر پەن – تەتقىقاتچى، ئەدىب ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئۇچرىشىشى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ توپكاپىدىكى دا بۈگۈن (2016 – يىلى 8- ئۆكتەبىر) داغدۇغىلىق باشلاندى.

585246
ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدا باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى – ئىستانبۇل: تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھەر ساھە ئىلىم ئەھلىلىرىنى ئۆزئارا ئۇچراشتۇرغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ 8 – نۆۋەتلىك ئۇيغۇر پەن – تەتقىقاتچى، ئەدىب ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئۇچرىشىشى بويىچە چاقىرىلغان «ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»، ئىستانبۇل ۋە تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن  ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەردىن تەشكىل تاپقان كۆپ ساندا كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ توپكاپىدىكى <مەۋلىۋىخانىسى> دا باشلاندى.

يىغىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان، سابىق رەئىس دوكتور ئابلەت تۇران، ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت، قۇتادغۇ بىلىك ئىلمىي تەتقىقات ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلغەنى قۇتۇبى، تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ئىستانبۇل مۇدىرى دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ پەخرى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس قاتارلىقلارنىڭ ھەر خىل تەبرىك ۋە ئېچىلىش سۆزلىرى بىلەن باشلىدى.

ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، « قەدىمكى زامان ۋە ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تارىخى»، «يېقىن زامان ئۇيغۇر تارىخى» ۋە «يېقىن زامان ئۇيغۇر تارىخى ۋە ساقلىنىۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلىلەر» دىن ئىبارەت ئۈچ كاتېگورىيە بويىچە بىرىنچى كۈنى ئۇيغۇر، ئىككىنچى كۈنى تۈرك تىللىرىدا داۋاملىشىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن دوكتور مەتتۇرسۇن بەيدۇللا (ئامېرىكا ) «ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قەدىمكى ئاھالىسى ۋە ئۇيغۇرلار»؛ ياردەمچى دوتسېنت مەغپىرەت كامال يۇنۇسئوغلۇنىڭ (تۈركىيە) «ئۇيغۇر تارىخىدىكى چوڭ كۆچۈشلەر»؛ دوتسېنت ئەركىن ئەكرەم (تۈركىيە) «ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچى ئائىلە مەسىلىسى»؛ دوكتور دولقۇن قەمبىرى (ئامېرىكا) «قەدىمكى تەكلىماكان مىراسى: ئۇيغۇر شەھەر مەدەنىيىتى»؛ دوتسېنت ئەكبەرجان بائۇۋۇدۇن (قىرغىزىستان) «قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخى»؛ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد (شىۋېتسىيە) «كۇچادا ئۆتكەن تارىخى شەخسلەر »؛ دوكتور ئابلەت كامالوۋ (قازاقىستان) «يەتتەسۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ 1916-يىلىدىكى قوزغىلاڭغا قېتىلىشى ھەققىدە»؛ دوكتور ئەسەت سۇلايمان (ئامېرىكا) «لاداخ يولىدا ھىجرەت: ئۇيغۇر مىللەتچىلىرىنىڭ 1949-يىلىدىكى ھىندىستان سەپىرى»؛ دوكتور ئابلەت سەمەت (گېرمانىيە) «تۈرك – ئۇيغۇر دىپلوماتىيە تارىخىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى»؛ دوكتور مەمتىمىن ئەلا (ئاۋسترالىيە) «20- ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدا تارىخى دېتىرمىنىزىمنىڭ ئىپادىلىرى»؛ پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت (تۈركىيە) «ئۇيغۇر قوشاقلىرىدىكى تارىخى ھەقىقەتلەر»؛ دوتسېنت ئەركىن ئەمەت (تۈركىيە) «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچۈش تارىخى، مەۋجۇت مەسىلىلەر ۋە ھەل قىلىش يوللىرى»؛ ياردەمچى دوتسېنت شەۋكەت ناسىر (تۈركىيە) «20 -ئەسىر چىن تاراتقۇلار تارىخى ۋە يېڭى چىن تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىرى: تىل، دىن، مائارىپ ۋە سەنئەت ساھەلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر» ۋە سىراجىدىن ئەزىزى شەمسىدىن (سەئۇدى ئەرەبىستان) «ئۇيغۇرلارنىڭ تاراتقۇلارغا بولغان ئېھتىياجى ۋە پايدىلىنىش ئەھۋالى» ناملىق ماقالىلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا ئىشتىراكچىلارنىڭ دىققىتىگە سونىدىكەن.

يىغىننىڭ تۈرك تىلىدىكى بۆلۈمىدە پىروفېسسور ئەھمەد تاشئاغىل «توققۇز ئوغۇز ۋە ئۇيغۇر مۇناسىۋىتى ھەققىدە»؛ پىروفېسسور سائادەتتىن گۆمەچ «ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي دەۋىرلىرى ۋە ئۇيغۇر قاغانىنىڭ نەسەب مەسىلىسى»؛ ياردەمچى دوتسېنت كۈرشاد يىلدىرىم «ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ تارىخى تېررىتورىيەسى »؛ ياردەمچى دوتسېنت ئەلى ئەھمەدبەيئوغلۇ «ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسى»؛ دوتسېنت ئۆمەر سونئەر ھۇنقان «قىشلاقلاردىن شەھەرلەرگىچە تۈرك (قاراخانىيلار ) قاغانلىقلىرى ئەسكەرلىرى»؛ ياردەمچى دوتسېنت مۇنەۋۋەر ئەبرۇ زەرەن «ئۇيغۇرلاردا مانىئىزىمنىڭ تەسىرىدە شەكىللەنگەن دىن ۋە دۆلەت مۇناسىۋىتى»؛ پىروفېسسور قونۇرئالپ ئەرجىلاسۇن «تالاس ئۇرۇشىنىڭ سىياسىي ئاقىۋىتى ھەققىدە»؛ دوتسېنت ئابدۇلھەمىد ئاۋشار «ئوتتۇرا ئەسىردە تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجاندا ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئىزلىرى»؛ دوتسېنت ئادەم ئۆگەر «ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت تارىخىدا خوجالار دەۋرى ۋە ئاپئاق خوجا تەزكىرىسى»؛ دوكتور يۈسۈپ گەدىكلى «ئوسمان تۈرك دۆلىتى ۋە تۈركىيەنىڭ تۈركىستان بىلەن بولغان سىياسىي ۋە مەدەنىي مۇناسىۋەتلىرى »؛ ياردەمچى دوتسېنت ئۆمەر قۇل «گومىنداڭ دەۋرىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قانۇنىي ئورنى» قاتارلىق تېمىلاردىكى ئىلمىي ئىزدىنىشلىرىنى ئىلىم ئەھلىلىرى بىلەن ئورتاقلىشىدىكەن.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى ئابدۇلھەمىد قاراخان بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، «بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر ۋە تۈرك تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ۋە يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر ھەر خىل مۇستەقىل ئىلمىي تەتقىقاتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ سەھىپىلىرىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ئۇلۇغ تۆھپىلەرنى قوشقان كۈچلۈك مىللەت ئىكەنلىكىنى پاكىتلىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىدۇ. بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ قايتىدىن تارىخ سەھنىسىدىن ئورۇن ئالالايدىغانلىقىنىڭ مۇمكىنلىكىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىر مىللەتنىڭ تارىخىدىكى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى يورۇقلۇق كۆرەلمەي قالغان تارىخىي ھەقىقەتلەر بۇ خىل يىغىنلار، مۇشۇ خىل مۇنبەرلەرنىڭ سايىسىدا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، كەم قالغان نۇقتىلار تولۇقلىنىدۇ، ئويدۇرمىلارغا رەددىيە بېرىلىدۇ، مۇبالىغە قىلىنغان نۇقتىلارغا ئىزاھات بېرىلىدۇ. قىسقىسى ئىلىم دۇنياسىنى ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشمۇ مۇشۇنداق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ» دېدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ بۇ تۈر ئىلمىي پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر ياش ئەۋلادلىرىنىڭ ئىلىم-پەنگە بولغان ئىشتىياقىنىڭ كۈچىيىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي روھىنىڭ ئۇرغۇشى ۋە مىللىي ئېڭىنىڭ جانلىنىشىغا ھەسسە قوشۇپ، ئۇلارنىڭ ۋەتەن ۋە مىللىتى ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىشىغا باشلامچىلىق قىلىش رولىنى ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن قاراخان، ئاكادېمىيەنىڭ ئالدىمىزدىكى يىللاردىكى پىلانلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «قىسقا مۇددەتلىك پىلانىمىز، ئاكادېمىيەنىڭ مەۋجۇت خىزمەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە ئاكادېمىيەنى كەسىپلەشتۈرۈشكە تىرىشىش، ئاكادېمىيە ئەزالىرىنى تېخىمۇ سەرخىللاشتۇرۇش، بۇنىڭ بىلەن بىرگە <ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزى> قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت. ئۇزۇن مەزگىللىك خىزمەت پىلانىمىزغا كەلسەك، قىسقا مەزگىلدە قۇرۇپ چىقىلىدىغان <ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزى> نى <ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى> غا ئايلاندۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلار ئېھتىياجلىق ساھەلەر بويىچە ياراملىق ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا كۈچ چىقىرىش بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر