خىتاي ياۋروپادىكى تۈركلەرگىمۇ قىيىنچىلىق پەيدا قىلىشقا باشلىدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپادا ياشايدىغان تۈركلەرگە ۋە تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋىتى بار كىشىلەرگە ۋىزا قىيىنچىلىقىنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

584030
خىتاي ياۋروپادىكى تۈركلەرگىمۇ قىيىنچىلىق پەيدا قىلىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋروپالىق تۈركلەرگە ۋە تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋىتى بار كىشىلەرگە ۋىزا رەسمىيەتلىرىدە قىيىنچىلىق پەيدا قىلماقتا. مۇتەخەسسىسلەر،بۇنى خىتايدىكى تېررورلۇق قورقۇنچىغا ۋە تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىماقتا.

ياۋروپادا، بولۇپمۇ گېرمانىيەدە ياشايدىغان تۈركلەر، تۈركچە ئىسمى بارلار ۋە تۈركىيەدە تەتىل ئۆتكۈزگەن كىشىلەرنىڭ خىتاي ۋىزىسىنى ئېلىشتا قيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. گېرمانىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىر خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ خىلدىكى ۋەقەلەر يېقىنقى كۈنلەردە كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، گېرمانىيە «ئالبا بېرلىن» ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ تۈرك تېرىنېرى ئەھمەت چاكى بىلەن فاتىھ گەزەر ۋە ۋاسكېتبول ماھىرى ئەنگىن ئاتسۈرنىڭ ئۆتكەنكى ھەپتىلەردە خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان دوستلۇق مۇسابىقىسىغا قاتنىشىش ئۈچۈن سۇنغان ۋىزا تەلىپى رەت قىلىنغان. ئامېرىكىلىق ۋاسكېتبولچى دومىنىك جونسونمۇ تۈركىيەدە توپ ئوينىغانلىقى ئۈچۈن خىتايغا ۋىزا ئالالمىغان. تۈركچە ئىسمى بار بىر گېرمانىيەلىك ئوقۇغۇچى خىتاي ۋىزىسى بار تۇرۇقلۇقمۇ بېيجىڭ ئايرودۇرۇمىدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن.

سەۋەب: تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشى

خىتاينىڭ ياۋروپادا ياشايدىغان تۈركلەرگە تۇغدۇرۇۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى، سېنتەبىر ئېيىنىڭ بېشىدا خاڭجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن G20 يىغىنى سەۋەبىدىن كۈچەيتىلگەن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى بىلەن چېتىشلىق، دەپ چۈشىنىلگەن ئىدى. بىراق، بۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ يىغىندىن كېيىنمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقى كۆرۈلدى. مۇتەخەسسىسلەر، بۇنىڭ خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇيغۇرلار سەۋەبىدىن يۈز بېرىۋاتقان يىرىكچىلىكلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلماقتا. خىتايدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىنىڭ پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە بېرىشى ئۈچۈن كېرەكلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقانلىقى؛ خىتاينىڭ بولسا، بۇنىڭغا نارازى بولۇۋاتقانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. خىتاينىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئېلىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر تۈركلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. خىتاي بۇنىڭغا قارشى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى «تېررورلۇق» ۋە «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلەيدۇ.

مەركىزىي بېرلىنغا جايلاشقان مېركاتور خىتاي تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مورىتز رۇدولف: «تۈركىيە ئېتنىك ۋە دىنىي رىشتىلەر سەۋەبىدىن ئۆزىنى تۈرك خەلقلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قوغدىغۇچىسى دەپ قارايدۇ» دەيدۇ.

ئەنقەرە بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكلەشكەن مۇناسىۋەتلەر

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باش مىنىستىر بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل» ۋەقەسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان ئىدى. بۇنى ئۆزىنىڭ «ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق» دەپ قارىغان خىتاي رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سۆزلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. مورىتز رۇدولف: «خىتايدا ئىسلامچى تېررورلۇق تەھدىتىنىڭ ئېشىشى سەۋەبىدىن بېيجىڭ بىلەن ئەنقەرە ئوتتۇرىسىدا يىرىكچىلىك تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن. ئەنقەرەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيەسى خىتاينى بىئارام قىلىۋاتىدۇ» دەپ قارايدۇ.

بىلدۈرۈلىشىچە، خاڭجۇدا ئېچىلغان G20 يىغىنىدا تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئايرىم ئۇچرىشىشىمۇ بۇ يىرىكچىلىكلەرنى تۈگىتىشكە يەتمىگەن. بۇ يىرىكچىلىكلەر سەۋەبىدىن گېرمانىيەدە ياشايدىغان تۈركلەرنىڭ خىتايغا بېرىشىغا قىيىنچىلىق پەيدا قىلىنىۋاتىدۇ، دەپ قارالماقتا ئىكەن.

ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىس شانۇن تېيززى بۇ ھەقتە: «خىتاي ئېتنىك كىملىكنى مىللىيلىكتىن ئۈستۈن تۇتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، باشقا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان تۈركىيەلىك ياكى تۈركلەرگە قىيىنچىلىق پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ھەيران قالارلىق ئەمەس» دەيدۇ.

خىتاينىڭ ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىشتىكى قىيىنچىلىقلىرى

تۈركىيەدىن خىتايغا بارماقچى بولغان تۈركلەرنىڭ تېخىمۇ چوڭ قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى تەخمىن قىلىنىدۇ. بېيجىڭدا ياشاۋاتقان بىر تۈرك خىتايغا ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن بىر تونىشىنىڭ ئوغلىنىڭ ئايرودۇرۇمدا ئۇزۇنغىچە نازارەتتە تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈلگەندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن.

يۇقىرىدىكىلەردىن باشقا، بۇ خىل پوزىتسىيەلەر ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرگىمۇ تەسىر قىلغان. بېيجىڭدا ياشايدىغان يەنە بىر تۈرك: «مەسىلە چىقارماي بېرىپ-كېلىپ تۇرۇۋاتقان سودا-سانائەتچىلەرنىڭ خىتايغا بېرىشىغا توسالغۇلار پەيدا قىلىنىۋاتىدۇ» دېگەن. ھەتتا، تۈركىيە دىپلوماتلرىمۇ دىپلوماتىيە پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن بولمىغان مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىغان.

گېرمانىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي بىريۇسسېلغىمۇ بېسىم قىلىشقا باشلىغان. تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدا ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىش توغرىسىدا قىلىنىۋاتقان «سودا» لار،خىتاينى ئەندىشىگە سالماقتا ئىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر دىپلوماتىيە خادىمى بەرگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە پاسپورتى بىلەن ياۋروپاغا ئەركىن بېرىپ-كېلىشىنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە تەھدىت، دەپ قارىماقتا ئىكەن.       



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر