«تۈرك كېڭىشى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 7 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

قىسقارتىلغان نامى «تۈرك كېڭىشى» بولغان تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 7 يىللىقىنى خاتىرىلىمەكتە.

582411
«تۈرك كېڭىشى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 7 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى تارقىتىپ، بۇ مۇھىم كۈننىڭ تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ئارىسىدا  تېخىمۇ كۈچلۈك ھەمكارلىق ۋە بىرلىكنىڭ ئورنىتىلىشىغا ۋاسىتە بولىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

تېلېگراممىدا يەنە، تۈرك كېڭىشىنىڭ تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىققا قوشقان تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بېرىلدى. تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى، تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان ئارىسىدا قۇرۇلغانىدى.

2009 – يىلى 3 – ئۆكتەبىردە ئىمزالانغان «تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى» نىڭ قۇرۇلۇشىغا دائىر ناھچىۋان كېلىشىمىنىڭ روھىغا ئاساسەن، تۈرك كېڭىشى رايون خاراكتېرلىك بىر تەشكىلات سۈپىتىدە ۋۇجۇدقا چىقىرىلدى.

ناھچىۋان كېلىشىمى تۈزۈلگەن 3 – ئۆكتەبىر كۈنى ئەزا دۆلەتلەردە تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشى كۈنى سۈپىتىدە تەبرىكلىنىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر