ئەزەربەيجان خەلقى ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى قوللىدى

ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ ئاساسىي قانۇننىڭ 29-ماددىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى قوللىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

577683
ئەزەربەيجان خەلقى ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى قوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان ئاساسىي قانۇنىنىڭ 29-ماددىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئومۇمىي خەلق ئاۋاز تاشلىشىدا، رەسمىي بولمىغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا سايلىغۇچىلارنىڭ %86.6 ى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن. ئەزەربەيجان ئالىي سايلام كومىتېتى ئېلان قىلغان باياناتتا، ئومۇمىي خەلق ئاۋاز تاشلىشىغا 5 مىليون 267 مىڭ سايلىغۇچىدىن 3 مىليون 671 مىڭ سايلىغۇچىنىڭ قاتناشقانلىقى ۋە قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ %69.7 بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر