قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى رۇسىيەگە كەتتى

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى ئالمازبېك ئاتامبايېۋ داۋالىنىش ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋاغا كەتتى.

575858
قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى رۇسىيەگە كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاتامبايېۋ نىيۇ يوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدىن ئايروپىلانغا ئولتۇرىدىغان چاغدا مىجەزى يوق بولۇپ قېلىپ، بالنېسقا ئېلىنغانىدى.

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيەسىگە ئاساسەن نىيۇ يورك زىيارىتىنى بىكار قىلغان ئاتامبايېۋ ئىزمىرنىڭ چەشمە ناھىيەسىدىكى بىر مېھمانسارايدا بىر مەزگىل ئارام ئالغانىدى.

قىرغىزىستان پىرېزىدېنت مەھكىمىسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەركىزى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئاتامبايېۋنىڭ رۇسىيەنىڭ تەكلىپى ۋە مۇتەخەسسىس دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيەسىگە ئاساسەن موسكۋاغا كەتكەنلىكى، ھەمدە يۈرەك كېسىلى تۈپەيلى ئىلگىرىمۇ داۋالانغان رۇسىيە دۆلەتلىك مەركىزى دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر