تۈركىيە خەلقىنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسىدىن  ئىپتىخارلىنىمەن

تاتار قىزى جامالا تۈركىيە خەلقىنىڭ ۋەتەنگە بولغان ساداقىتىنىڭ ئۆزىنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈرگەنلىكىنى، ۋەتەنگە ساھىب چىقىش كۈرىشىدىن ئىپتىخارلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

545044
تۈركىيە خەلقىنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسىدىن  ئىپتىخارلىنىمەن
eurovision birinci jamala'dan destek1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاتار قىزى: ياۋروپا ناخشا - ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە «1944» ناملىق ناخشىسى بىلەن بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن قىرىم تاتار سەنئەتچىسى جامالا تۈرك نەسلىدىن دۇنياغا كەلگەن بىر قىرىم تاتارى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈركىيە خەلقىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى يۈز بەرگەن كېچىسىدىن تارتىپ ھازىرغىچە قېرى – ياش، چوڭ – كىچىك، ئەر – ئايال دېمەستىن تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كوچىلار ھەم مەيدانلارغا چىقىپ، بىرلا نىشان ئۈچۈن، يەنى ۋەتەنگە ساھىب چىقىش ئۈچۈن ھارماي – تالماي كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن  تولىمۇ ئىپتىخارلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى، Facebook سەھىپىسىدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى.

تۈركىيەدىكى ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىنىڭ ئۆزىگە قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن جامالا تاڭ ئاتقۇچە ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن كۆرۈۋېتىپ، ھاڭ - تاڭ قالغانلىقىنى قەيت قىلدى، ھېچكىمنىڭ تېخىمۇ كۆپ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن ئاللاھقا يىلىنىپ دۇئا قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى، ھەمىشە تۈركىيە خەلقىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى ناخشا – مۇزىكىسى ئارقىلىق نامايەن قىلىش ئۈچۈن 17 – ئاۋغۇست كۈنى ئىستانبۇلدا كونسېرت بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، ھېس – تۇيغۇلىرىنى مۇنداق ئىپادىلىدى: «تۈركىيەدە ۋەزىيەتنىڭ دەرھال ئىزىغا چۈشۈشىنى ھەمدە ھەممە ئىشلارنىڭ نورماللىشىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن. سىزنى چىن يۈرىكىمدىن سۆيىمەن تۈركىيە! مېنى كۈتۈڭ!»

جامالا شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا بۇ يىل 61 – قېتىملىقى ئىشقا ئاشۇرۇلغان ياۋروپا ناخشا - ئۇسسۇل مۇسابىقىسىگە قىرىم تاتار سۈرگۈنى ۋە چوڭ ئانىسى دۇچ كەلگەن تىراگېدىيە مەزمۇن قىلىنغان «1944» ناملىق ناخشىسى بىلەن ئۇكرائىنغا ۋەكالىتەن قاتناشقان ھەمدە 534 نومۇر بىلەن بىرىنچىلىككە ئېرىشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر