تۈركىيە خەلقىنىڭ دۇنيانى ھاڭ - تاڭ قالدۇرغان مىسلىسىز ۋەتەن سۆيگۈسى ۋە ئۇيغۇرلار

تۈركىيە خەلقىنىڭ دۇنيانى ھاڭ - تاڭ قالدۇرغان مىسلىسىز ۋەتەن سۆيگۈسى ۋە پىداكارلىقىغا تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ جۈر بولدى.

535854
تۈركىيە خەلقىنىڭ دۇنيانى ھاڭ - تاڭ قالدۇرغان مىسلىسىز ۋەتەن سۆيگۈسى ۋە ئۇيغۇرلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان خەلقنى مەيدانلارغا چىقىپ، نامايىش قىلىشقا، بۇ ئارقىلىق ۋەتەننى قوغداشقا چاقىردى. تۈركىيە خەلقى ئەردوغاننىڭ بۇ چاقىرىغا قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، مەيدانلارغا ۋە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرى ھۇجۇم قىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان مۇھىم نۇقتىلارغا سەلدەك ئاقتى، يامغۇردەك يېقىۋاتقان ئوققا، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ بومباردىمانلىرىغا، تانكىلارنىڭ باستۇرۇشىغا قىلچە پىسەنت قىلماي، مىسلىسىز قەھرىمانلىقلارنى كۆرسىتىپ، ۋەتەنگە بولغان مىسلىسىز سۆيگۈسى، تەڭداشسىز ساداقىتىنى ئىپادىلىدى. بۇ جەرياندا شېھىت خەۋەرلىرى كېلىشكە باشلىدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان خەلقنىڭ ۋەتەن خائىنلىرىغا بولغان غەزەپ – نەپرىتى تولۇپ تاشتى.  شۇنىڭ بىلەن، قېرى – ياش، چوڭ – كىچىك، ئەر – ئايال ھەممە كىشى تۈركىيە بايرىقىنى لەپىلدەتكەن ھالدا ۋەتەننى قوغداش كۈرىشىگە ئاتلاندى.

تۈركىيە خەلقىنىڭ ۋەتەنگە بولغان بۇ ساداقىتى پۈتكۈل دۇنيانى ھاڭ - تاڭ قالدۇردى. خەلقئارالىق ۋە رايونلىق تەشكىلاتلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، فوندى جەمئىيەتلەر، ئىسلام ئەللىرى، ئاخبارات ۋاستىلىرى، ئۆلىمالار ئارقا  - ئارقىدىن باياناتلارنى ئېلان قىلىپ، تۈركىيە خەلقىنىڭ بۇ كۈرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاتاقلىق ئالىم يۈسۈف قەرزاۋى مەكتۇپ يوللاپ، تۈركىيە خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىنى مەغلۇب قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى تەبرىكلىدى، ھەمدە ئاللاھنىڭ، ئەرەب ۋە مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ، دۇنيادىكى ھۆر ئىنسانلار ۋە ئىسلام ئۈممىتى ئۆلىمالىرىنىڭ ئەردوغاننىڭ ۋە تۈركىيە خەلقىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ھەمىشە باتىلغا قارشى ھەقنىڭ، زۇلۇمغا قارشى ئادالەتنىڭ، مۇشتۇمزورلارغا قارشى خەلقنىڭ، جاللاتلارغا قارشى ئەركىنلىكنىڭ، زالىملارغا قارشى كېڭەش ۋە دېموكراتىيەنىڭ يېنىدىمىز، جۈملىدىن بىز سىزنى ۋە خەلقىڭىزنى قىزغىن قوللايمىز. سىزگە ھەمىشە دۇئا قىلىمىز. ئىنسانلارغا ھەق – ئادالەت ئۈستىدە رەھبەرلىك قىلىپ، داۋاملىق مەزلۇملارنى باغرىڭىزغا بېسىپ، زۇلۇم ئاستىدىكى باشقا مىللەتلەرنى قۇتقۇزالايدىغان قۇدرەتلىك تۈركىيە بەرپا قىلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.»

كەبە ئىمامىمۇ مەسجىدى ھەرەمدە، «ئى ئاللاھ! تۈركىيەگە ۋە تۈركىيە خەلقىگە ياردەم قىلغىن، ئىسلام ئۈممىتىگە ياردەم قىلغىن! نۇسرەت ئاتا قىلغىن!» دەپ دۇئا قىلدى.

يۈسۈف قەرزاۋىنىڭ مەكتۇبى بىلەن كەبە ئىمامىنىڭ دۇئاسى تۈركىيە خەلقىنى چەكسىز ھاياجانغا سالدى، سۇنغان كۆڭلىنى تەسكىن تاپقۇزدى.

باشقا ئەللەر ۋە گۇرۇپپىلارمۇ تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.  

ئۇيغۇرلارمۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، باشتىن تارتىپلا تۈركىيە خەلقى بىلەن بىرلىكتە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش تەشەببۇسىغا قارشى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيە ۋە تۈركىيە خەلقىگە بولغان قېرىنداشلىق مېھرىنى يەتكۈزدى. تۈركىيە خەلقىنىڭ دۇنيانى ھاڭ - تاڭ قالدۇرغان مىسلىسىز ۋەتەن سۆيگۈسى ۋە پىداكارلىقىغا جۈر بولدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى باياناتلارنى ئېلان قىلىپ، تۈركىيە خەلقىنىڭ ۋەتەننى قوغداش كۈرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى، ھەمىشە تۈرك قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. تۈركىيەدىكى بەزى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن، ئالدىن پىلانلانغان پىروگراممىلىرى ۋە پائالىيەتلىرىنى بىكار قىلىپ، مەيدانلارغا چىقىپ، تۈركىيە خەلقى بىلەن مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، تۈرك قېرىنداشلىرىغا بولغان ساداقىنى نامايەن قىلدى. ھەتتا ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بەتلىرىدە بەزى تورداشلار پروفىل رەسىملىرىنى ئالماشتۇرۇش، بەزى تورداشلار تۈركىيە خەلقىنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسى ۋە پىداكارلىقىغا بولغان تەسىراتلىرىنى يېزىش، يەنە بەزى تورداشلار تۈركىيە ۋە تۈركىيە خەلقىگە دۇئا قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەيدانىنى ئىپادىلىدى. بۇ ئارقىلىق ئۇلار بۇنداق ھايات – ماماتلىق كۈرەشتە ھەمىشە ھەققانىيەتنى ياقىلاپ ماڭىدىغانلىقىنى، ھەمدە ئەركىنلىككە بولغان ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز  تەشنالىقىنى پۈتكۈل جاھانغا نامايەن قىلغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر