ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئۇيغۇر قۇربانى ئابدۇلھەكىم بۇغدا يەرلىككە قويۇلدى

28- ئىيۇن ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ۋاپات بولغان ئۇيغۇر يىگىتى ئابدۇلھەكىم بۇغدا يەرلىككە قويۇلدى.

521738
ئىستانبۇلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئۇيغۇر قۇربانى ئابدۇلھەكىم بۇغدا يەرلىككە قويۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل ئاتاتۈرك خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا يارىلانغاندىن كېيىن، دوختورخانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر ياش ئابدۇلھەكىم بۇغدانىڭ جىنازە نامىزى چۈشۈرۈلۈپ، يەرلىككە قويۇلدى.

«چەلەبى» ناملىق بىر تېز يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدىكى تارمىقىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر ياش ئابدۇلھەكىم بۇغدا (1991-2016)، 28- ئىيۇن كەچ سائەت 9 دىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە مەيدانغا كەلگەن قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئۈچ پاي ئوق تېگىپ ئېغىر يارىلانغاندىن كېيىن، ئىستانبۇلدىكى مەلۇم بىر دوختۇرخانىدا بالنىستقا  ئېلىنىپ مۇداخىلە قىلىنغان بولسىمۇ، دوختۇرلارنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقلىرى ئۈنۈم بەرمەي بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى. مەرھۇمنىڭ ۋاپات خەۋىرى تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى چوڭقۇر قايغۇغا سالدى.

مەرھۇمنىڭ بۈگۈن (30- ئىيۇن) ئەسىر نامىزىدىن كېيىن ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇدىكى ئەمىنە ئىنانچ جامەسىدە چۈشۈرۈلگەن جىنازا نامىزىغا تۈركلەر ۋە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار بولۇپ نۇرغۇن ئادەم قاتناشتى. مەرھۇمنىڭ تۈركىيە بايرىقى يېپىلغان جىنازىسى زەيتىنبۇرنۇدىكى سىلىۋرىكاپى ئايۋالى قەبرىستانلىقىدا يەرلىككە قويۇلدى.

جانابى ئاللاھ ئۇنىڭ جايىنى جەننەت، ماقامىنى ئۈستۈن قىلغاي! ئانىسى ۋە يېقىن – يۇرۇقلىرىغا سەۋر ئاتا قىلغاي!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر