«تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە سودىلىشىشقا بولمايدۇ»

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە سودىلىشىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

517936
«تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە سودىلىشىشقا بولمايدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلدىرىم ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مەركىزىدە مەركىزى قارار چىقىرىش ۋە ئىجرائىيە ھەيئىتى ئەزالىرى بىلەن ئىپتار زىياپىتىدا بىر يەرگە جەم بولغاندا قىلغان سۆزىدە، 64 – ھۆكۈمەت ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن كۆچمەنلەرنى قايتا قوبۇل قىلىش كېلىشىمى ۋە تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ۋىزىسىز ساياھەت قىلىشى پىلانىنىڭ ئۆكتەبىردىن ئىيۇن ئېيىغا كېچىكتۈرۈلۈشى ھەمدە كۆچمەنلەر سەۋەبىدىن تۈركىيە ئۆز ئۈستىگە ئالغان مالىيە چىقىمنى يېنىكلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېلىشىمنى خاتىرىلەتتى، تۈركىيەنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكىدىنمۇ مۇھىم نەرسە يوقلۇقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھەرقانداق بىر كېلىشىم، ھەرقانداق بىر ئىمكانىيەت ۋە ياۋروپانىڭ پۇقرالىرىمىزغا ۋىزىسىز ساياھەت قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىشى قاتارلىقلار بىزنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئىرادىمىزنى قىلچە تەۋرىتەلمەيدۇ، بۇ مەسىلىلەردە سودىلىشىشقىمۇ بولمايدۇ. ياۋروپالىق دوستلىرىمىز ئەمدى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەقىقەتنى كۆرۈشى كېرەك. ئۇلار يا تۈركىيەگە قۇلاق سېلىش يولىنى تاللىشى، ياكى تۈركىيەنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكى، مەۋجۇدىيىتىگە قارشى تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئىغۋاگەرلىكىگە ئالدىنىش يولىنى تاللىشى كېرەك. باغرىغا بېسىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇلارنىمۇ پەرىشان قىلىدۇ. ئەتە - ئۆگۈن ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن. سىلەرنىڭ زىددىيەتلىك پوزىتسىيەڭلار ۋە سىياسەتلىرىڭلار ئەتە – ئۆگۈن بىخەتەرلىك مەسىلىسى سۈپىتىدە ئالدىڭلارغا چىقىشى مۇمكىن، شۇ ۋاقىتتىمۇ تۈركىيە يەنە سىلەرنى قوللايدۇ.»

باش مىنىستىر يىلدىرىم ئەنگلىيە خەلقىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش قارارى توغرۇلۇق توختالغاندا مۇنداق دېدى: «كېمىرىن سايلام كۈرىشى جەريانىدا تۈركىيەنى كوزېر قىلىۋالغان ۋە ‹تۈركىيە ئارىدىن يەنە 3 مىڭ يىل ئۆتسىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرەلمەيدۇ› دېگەنىدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى پۈتكۈل تۈركىيە خەلقىنى قاتتىق ئازابلىغانىدى. ئەمما ئىنگلىز سايلىغۇچىلار ئۇنىڭ سۆزلىرىنى قىلچە ئېتىبارغا ئالماي، دەل ئەكسىچە قارار بەردى.»

رېفېراندۇمنىڭ نىشانى بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەنگلىيە خەلقىنىڭ قارارىدىن ئوبدان ساۋاق ئېلىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتكەن يىلدىرىم مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى يېقىندىن بۇيان ھەممىنى باغرىغا بېسىش ۋە كەڭ دائىرىلىك سىياسەت يۈرگۈزۈشنىڭ ئورنىغا، ئەتراپىغا سېپىللارنى سوقۇپ، چېگرالىرىنى تارايتىش يولىنى تاللىدى. رايوندا يۈز بېرىۋاتقان مۇساپىرلار تىراگېدىيەسى ھەممىگە ئايان. رايوندا مىليونلارچە مۇساپىرلارنى باغرىغا بېسىۋاتقان بىردىن - بىر دۆلەت تۈركىيەدۇر. تولىمۇ ئەپسۇسكى، ياۋروپالىقلار بۇ مەسىلىدىمۇ سىناقتىن ئۆتەلمىدى، چۈنكى ئۇلار بۇ مەسىلىگە كەلگەندە قاتتىق بىپەرۋالىق قىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر