ئۇيغۇر ئېلىدە مەمۇر ۋە ئوقۇغۇچىلارغا روزا تۇتماسلىق ۋە ناماز قىلماسلىق توختامنامىسى ئىمزالاتقۇزۇلدى
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە مەمۇرلار ۋە ئوقۇغۇچىلارغا روزا تۇتماسلىق ۋە ناماز قىلماسلىق توختامنامىسىنى مەجبۇرىي ئىمزالاتقۇزدى.
![ئۇيغۇر ئېلىدە مەمۇر ۋە ئوقۇغۇچىلارغا روزا تۇتماسلىق ۋە ناماز قىلماسلىق توختامنامىسى ئىمزالاتقۇزۇلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/6c3a/ef09/6492/575bd641a22d4.jpg?time=1719166377)
![belge_1.jpg](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/fd62/71e4/7e7b/575bb2624e5cb.jpg?time=1719166377)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹تايمتۈرك› تور بېتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك – تۈرلۈك چەكلىمىلەر سەۋبىدىن ئەڭ چوڭ «دالا تۈرمىسى» گە ئايلىنىپ قالغان ئۇيغۇر ئېلىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەتلىرىنى چەكلەشكە دائىر خەۋەرلەر كەلمەكتە.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 6 – ئىيۇن دۈشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە مەمۇرلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە بالىلارغا «رامىزان ئېيىدا روزا تۇتمايمەن» دېگەن مەزمۇندىكى توختامنامىنى مەجبۇرىي ئىمزالاتقۇزغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، 4 – ئىيۇن شەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە بىرەر پارچىدىن مەكتۇپ يوللاپ، «بالىلىرىڭلارنى ئىسلامدىن يىراق تۇتۇڭلار، ئۇنداق قىلمايدىكەنسىلەر قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىسىلەر» دەپ تەھدىت سالغان. جۈملىدىن 4 – ئىيۇن شەنبە كۈنى ئائىلىلەرگە ئەۋەتىپ، ئىمزالاتقۇزۇشى ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدىكى 46 – تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە توختامنامە ئەۋەتىلگەن.
خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، توختامنامىنىڭ مەزمۇنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇم – سىتەملەرنىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى ئىكەن.