ئىستانبۇلدىكى پارتلاشتا ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىناسىمۇ زىيانغا ئۇچرىدى

ئىستانبۇلدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىناسىمۇ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى.

505943
ئىستانبۇلدىكى پارتلاشتا ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىناسىمۇ زىيانغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ ۋەزنەجىلەر رايونىدا يۈز بەرگەن خائىنلارچە تېررورلۇق ھۇجۇمىدا رېمۇنت ئىشلىرى ئەمدىلا تاماملانغان «شەرقىي تۈركىستان فوندى جەمئىيىتى» بىناسىمۇ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان.

بۈگۈن ئەتىگەن تەرەپلەردە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 7 ساقچى بىلەن 4 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر