تۈركىيە ئۇلانباتۇردىكى ئاتاتۈرك مەكتىپىنى يېڭىلاپ بەردى

تەخمىنەن 3 مىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغان مەكتەپنىڭ ئالدىغا ئاتاتۈركنىڭ ھەيكىلى تېكىلدى. بىنانىڭ ئىچىگىمۇ مەخسۇس ئاتاتۈرك بۆلۈمچىسى شەكىللەندۈرۈلدى.

494584
تۈركىيە ئۇلانباتۇردىكى ئاتاتۈرك مەكتىپىنى يېڭىلاپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە باشقارمىسى (TİKA)، موڭغۇلىيەنىڭ پايتەختى ئۇلانباتۇردىكى ئاتاتۈرك مەكتىپىنى يېڭىلاش لايىھەسىنى تاماملىدى.

لايىھەدە ئۇلانباتۇرنىڭ ئەنقەرە كوچىسىغا جايلاشقان ئاتاتۈرك مەكتىپىنىڭ تاشقى قىسمىغا تۈركىيەدىن ئېلىپ كېلىنگەن تاشلار ئىشلىتىلدى.

رېمۇنت قىلىش ۋە يېڭىلاش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە ئاتاتۈرك مەكتىپىنىڭ تاشقى كۆرۈنىشى ۋە باشقا ئىمكانىيەتلىرى ئۈلگىلىك ھالغا كەلتۈرۈلدى.

تەخمىنەن 3 مىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغان مەكتەپنىڭ ئالدىغا ئاتاتۈركنىڭ ھەيكىلى تېكىلدى. بىنانىڭ ئىچىگىمۇ مەخسۇس ئاتاتۈرك بۆلۈمچىسى شەكىللەندۈرۈلدى.

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە باشقارمىسى (TİKA)نىڭ ئۇلانباتۇر ھەمكارلىق ئىشخانىسى، ئاتاتۈرك مەكتىپى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ھەر خىل مەدەنىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرمەكتە.

ئاتاتۈرك مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ھەر يىلى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 23 - ئاپرىل دۆلەت مۇستەقىللىقى ۋە بالىلار بايرىمىغا  (TİKA)نىڭ يارىدىمى بىلەن قاتنىشىپ كەلمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر