تۈمتۈرك: تۈركىيە تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنى ئەكىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋات

ئۇيغۇر تۈركلىرى خىتاي زۇلۇمىغا چىدىيالماي ئانا ۋەتىندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولماقتا.

157593
تۈمتۈرك: تۈركىيە تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنى ئەكىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋات

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زۇلۇمدىن قاچقان 360 ئادەم چېگرادىن «قانۇنسىز كىرگەن» دېگەن سەۋەب بىلەن، تايلاند ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى. تۈركىيە تەخمىنەن بىر يىلدىن بۇيان لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر تۈركلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ، جەمئىي 360 ئادەم ئۆلۈمدىن قېچىپ، تۈركىيەگە كېلىشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇلار مىڭبىر مۇشەققەتتە تايلاند – مالايشىيا چېگراسىغىچە كەلدى. چېگرادا تايلاند ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئاچ قالغان ۋە ئۇسساپ كەتكەن ھالەتتە لاگېرلارغا سولاندى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سىيت تۈمتۈرك تايلاند لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلدى. ئۇ: «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تايلاندقا قانۇنسىز كىرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان بۇ قېرىنداشلىرىمىزنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، باڭكوكتىكى ئەلچىخانىنىڭ ئىككى دىپلومات خادىمىنى ئەۋەتىپ، ئۇلار ھەققىدە بارلىق ئىستاتىستىكا ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ، كېرەكلىك رەسمىيەتلەرنى باشلىدى. تۈركىيەنىڭ بۇ توغرىدىكى غەيرەت ۋە تىرىشچانلىقلىرى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۈركىيەگە ئامان – ئىسەن كېلىشىگە ۋەسىلە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر