خىتاي قازاقىستان بىلەن 14مىليارد دوللارلىق كېلىشىم تۈزدى

قازاقىستان پايتەختى ئاستانەدە كەرىم مەسۇموۋ بىلەن خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ نۇرغۇنلىغان ئىقتىسادىي كېلىشىملەرگە ئىمزا قويدى.

148713
خىتاي قازاقىستان بىلەن 14مىليارد دوللارلىق كېلىشىم تۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بىلەن قازاقىستان باش مىنىستىرى كەرىم مەسۇموۋ 14 – نويابىر بىر مۇنچە كېلىشىملەرنى ئىمزالىدى. ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىملەر 14 مىليارد دوللارغا يەتتى. مەزكۇر كېلىشىملەر قازاقىستان پايتەختى ئاستانەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھۆكۈمەت باشلىقلىرى كېڭىشى يىغىنىدىن بۇرۇن ئىمزالاندى.
خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بىلەن كەرىم مەسۇموۋ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا، نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىگە قارشى ئورتاق مىكرو ئىقتىساد سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزىدىغانىقلىرىنى بىلدۈردى.
ئىمزالانغان كېلىشىملەرنىڭ ئارىسىدا، قازاقىستاننىڭ قورغاس رايونىدا ئىچكى پورت ۋە ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون قۇرۇش، ئۆزئارا مەسلىھەت بېرىش مېخانىزملىرى، يادرو ھەمكارلىقى، قازاقىستاندىكى كالىي قاتلاملىرىنى كېڭەيتىش قاتارلىق تۈرلەر ئورۇن ئالىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ يېقىنقى 20 يىلدا كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئۆزئارا سودىسىدا 2013 – يىللىق سودا ئومۇمىي ھەجىمى 25 مىليارد دوللاردىن ئاشقان بولۇپ، 2015 – يىلى بۇ رەقەمنىڭ 40 مىليارد دوللارغا يېتىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر