پۇتىن بىلەن كەرىموۋ، خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى ئۈستىدە سۆزلەشتى
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئۆزبېكىستانلىق مەنسەپدېشى ئىسلام كەرىموۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈنۈگۈن ئۆزبېكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.
144462
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشكەنتتە ئۇچراشقان ئىككى رەھبەر، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى؛ رۇسىيەنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ سودا شېرىكلىرى ئارىسىدا بىرىنچى رەتتىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان پۇتىن، يېقىنقى 5 يىل ئىچىدە ئۆزبېكىستانغا سېلىنغان رۇسىيە سېلىنمىلىرىنىڭ 6 مىليارد دولاردىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئوتتۇرا ئاسىيادا ئافغانىستان مەركەزلىك خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن كەرىموۋمۇ، ئىككى دۆلەت خەۋپسىزلىك تەھدىتلىرى مەسىلىسى ئۈستىدە ئىزچىل كېڭىشىشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
پۇتىن بىلەن كەرىموۋ ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي جەھەتتە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا دائىر بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالىدى.