تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى نەزەربايىۋ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى قۇربان گۇلى بەردى مۇھەممەدوۋ نۇرسۇلتان نەزەربايىۋنى ئاشخئابادتىكى ئوغۇزخان سارىيىدا كۈتۈۋالدى.

134845
تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى  نەزەربايىۋ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى قۇربان گۇلى بەردى مۇھەممەدوۋ قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايىۋ بىلەن ئاشخئابادتا بىر يەرگە جەم بولدى.
تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى قۇربان گۇلى بەردى مۇھەممەدوۋ نۇرسۇلتان نەزەربايىۋنى ئاشخئابادتىكى ئوغۇزخان سارىيىدا كۈتۈۋالدى.
قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن ئىككى رەھبەر ئايرىم ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى.
ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ھەيئەتلەر ئارا مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلدى.
مۇزاكىرىلەرنىڭ ئاخىرىدا ئۆزئارا قاتناش، مائارىپ، ئۇچۇر – ئالاقە ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن 8 تېمىدا كېلىشىم ئىمزالاندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر