28 تۈرك پارلامېنت ئەزاسى ئورۇن ئالىدۇ

بۇلغارىيەدە 5 – ئۆكتەبىر كۈنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامكاردىن كېيىن پارلامېنتتىكى يېڭى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى.

156665
28 تۈرك پارلامېنت ئەزاسى ئورۇن ئالىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 28 تۈرك پارلامېنت ئەزاسى ئورۇن ئالىدۇ.
بۇلغارىيەدە 5 – ئۆكتەبىر كۈنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامكاردىن كېيىن پارلامېنتتىكى يېڭى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى. % 4 لىك سايلام چەكلىمىسىدىن ھالقىپ ئۆتەلىگەن 8 سىياسىي پارتىيەدىن پەقەت 3 پارتىيەلا تۈرك ۋە مۇسۇلمان پارلامېنت ئەزاسى چىقىرالىدى. 7.3 مىليونلۇق نوپۇسقا ئىگە بۇلغارىيەدە تەخمىنەن 2 مىليون تۈرك ۋە مۇسۇلمان ياشايدىغان بولۇپ، پارلامېنتتا بۇ باسقۇچتا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان تۈرك ۋە مۇسۇلمان پارلامېنت ئەزالىرى سانىنىڭ 31 ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى. ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى تۈركلەردىن تەشكىل تاپىدىغان ھەق ۋە ئەركىنلىكلەر ھەرىكىتى، سايلامدا دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈچىنچى سىياسىي پارتىيەسى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلدى. نەتىجىدە 38پارلامېنت ئەزاسىغا ئىگە بولغان پارتىيەنىڭ گۇرۇپپىسىدىن 28 تۈرك ۋە مۇسۇلمان پارلامېنت ئەزاسى ئورۇن ئالدى. بۇلغارىيەنىڭ ياۋروپالىق تەرەققىياتى ئۈچۈن ۋەتەنداشلار پارتىيەسىدىكى 84 پارلامېنت ئەزاسىدىن پەقەت ئىككىسىلا مۇسۇلمان. ئىسلاھاتچىلار بىرلەشمىسىدىكى 23 كىشىلىك گۇرۇپپىنىڭ ئىچىدە ھۆرىيەت ۋە شەرەپ خەلق پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى قورمان ئىسمائىلوۋلا ئورۇن ئالىدۇ. سايلانىلايدىغان جايلاردىن تۈرك ۋە مۇسۇلمانلارنى نامزات كۆرسەتمىگەن بۇلغارىيە سوتسىيالىست پارتىيەسى پارلامېنتتىن 39 پارلامېنت ئەزاسى بىلەن ئورۇن ئالىدۇ. پارلامېنتتىن مىللەتچىلىك ئېڭى بويىچە سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋەتەنسۆيەر ئالدىنقى سېپى 19، رۇسپەرەس ئاتاق پارتىيەسى 11 پارلامېنت ئەزاسى بىلەن ئورۇن ئالىدۇ. پارلامېنتتىن چەكلىمىسىز بۇلغارىيە پارىيەسى 15، سابىق پىرېزىدېنت جورج پىرۋانوۋ رەھبەرلىكىدىكى بۇلغارىيەنىڭ قايتىدىن تۇغۇلۇشى ئۈچۈن يېڭى يول پارتىيەسى 11 پارلامېنت ئەزاسى بىلەن ئورۇن ئالىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ئاساسىي قانۇنغا كۆرە، يېڭى سايلانغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئەڭ كېچىككەندىمۇ 1 ئاي كېيىن ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىشى شەرت ئىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر