ئۇيغۇر «مىلىتان»لارنىڭ ئى ش ئى د گە قېتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

خىتاي مېدىياسى تۇنجى قېتىم ‹ئۇيغۇر ۋەقە پەيدا قىلغۇچىلار› نى دۆلەت ئىچىدە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى سادىر قىلىش ئۈچۈن ئىسلام دۆلىتى جەڭلىرىدىن «تېررورلۇق تەلىم – تەربىيەسى ئېلىش» بىلەن ئەيىبلىدى.

134672
ئۇيغۇر «مىلىتان»لارنىڭ ئى ش ئى د گە قېتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىتاي دۆلەت مېدىياسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنى ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ خېلى كۆپ جايلىرىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرى بىلەن چېتىپ چۈشەندۈرۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە «شەرقىي تۈركىستان» نامىدا مۇستەقىل دۆلەت قۇرماقچى بولغان ئىسلامچى گۇرۇپپىلارنى ئەيىبلەپ كەلگەنىدى.

گلوبال تايمىز گېزىتى، ئىسمى نامەلۇم تېررورزىمغا قارشى كۈرەش قىلغۇچى بىر خىتاينىڭ «ئۇلار پەقەت تېررورلۇق تېخنىكىلىرىنى ئۆگىنىش بىلەنلا قالماستىن، خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كېڭەيتىپ، پائال ئۇرۇشلارغا قاتنىشىش ئارقىلىق خىتاي ئىچىدە تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىشتا ياردەمگە ئېرىشمەكچى» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى.

نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت، تىل ۋە دىنىغا قاراتقان چەكلىمىلىرىنى بوشىتىشقا چاقىرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئوتتورا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن چېگراداش مەزكۇر رايوندا يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5 ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئەڭ يېڭى پارتلاش ۋەقەلىرىدە 2 ئادەم ئۆلگەن، كۆپ ساندا ئادەم يارىلانغانىدى.

كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ئېغىزى ھېسابلىنىدىغان ‹گلوبال تايمىز› ۋە ‹خەلق گېزىتى› قاتارلىقلار ‹شىنجاڭلىق مىلىتانلار› نىڭ يېقىندىن بۇيان ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى پائالىيەتلىرىگە بۇ تەشكىلاتنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا شۆبىسى سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

‹گلوبال تايمىز› نىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى پان جىپىڭ، «ئۇلارنىڭ تۈپ نىشانى خىتاي ئىچىدە جەڭ قىلىشتىن ئىبارەت» دېگەن.

خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمۇ بۈگۈن (دۈشەنبە) كى باياناتىدا، ئۇيغۇر بۆلگۈنچى گۇرۇپپىلارنىڭ مىلىتانلار بىلەن ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن ئەزالىرىنى چەت ئەلگە يوللىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ، «شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى خەلقئارا تېررورىست كۈچلەر بىلەن تىل بېرىكتۈرۈش ۋە ‹ئاتالمىش› جىھادقا قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن باشقا رايونلارغا كىشىلەرنى يوللىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

خۇا چۇنيىڭ، ‹گلوبال تايمىز› ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ھەققىدە تېخىمۇ ئەتراپلىق مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.



خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر