ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى يىغىنىنىڭ 1 – كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ 6 – قېتىمىلق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىستىقلال مارشىنىڭ ئوقۇلۇشى بىلەن باشلاندى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار تېمىلار بويىچە لېكسىيە سۆزلىدى.

133359
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى يىغىنىنىڭ 1 – كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئابلەت تۇران ئەپەندى ئاكادېمىيەنىڭ ھەر يىلى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، بەزى مېھمانلار سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئارقىدىن يىغىن كۈنتەرتىپى رەسمىي باشلاندى.
ئامېرىكىدىن كەلگەن مۇستەقىل تەتقىقاتچى غولامىدىن پاختا ئەپەندى «يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى چوڭ كۆچۈش» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە، بۈگۈن ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى چوڭ كۆچۈشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە 65 يىل بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ بەزى مەنبەلەردە، كوممۇنسىت قىزىل ئارمىيەسى ئۇيغۇر رايونىغا كىرگەندە چەت ئەللەرگە كۆچكەن ئۇيغۇرلار سانىنىڭ 11500 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنىڭ كۆرسىتىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
شىۋېتسىيەدىن كەلگەن ئابدۈشۈكۈر ئەپەندى، «لۇند ئۇنىۋېرستېتىدا ساقلىنىۋاتقان قوليازما ئەسەرلەر – مارشلار» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ لۇند ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئارخىپىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئونمىڭلارچە كىتاب ۋە قوليازمىلارنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇ ماتېرىياللارنىڭ تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىق قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئوقۇۋاتقان، بولۇپمۇ تۈركولوگىيە كەسپىدە ئوقۇۋاتقانلار ئۈچۈن قىممەتلىك تارىخىي ھۆججەتلەرنىڭ كۆپلۈكىنى ئېيتىپ، ئەگەر بۇ ساھەگە قىزىقىدىغانلار بولسا، ھەر قاچان ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ http//WWW.SRİİ.ORG/ ئىنتېرنېت ئادرېىسىدىنمۇ ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا ئائىت خالىغان ماتېرىياللارغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
«دېڭىز ئاستىدا ياشاش ئىمكانلىرى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىگەن ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) دا تەتقىقاتچى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان دوكتور ئاينۇر ئابدۇرازاق ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلار ناسادا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى سانىنىڭ ئىككىگە يەتكەنلىكىدىن تولىمۇ خۇشال بولغانلىقلىرىنى يوشۇرالمىدى، بولۇپمۇ قىز ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭ بىرىنىڭ ئۇيغۇر قىزى بولغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقلىرىنى ۋە ئۆزلىرىگە چوڭ ئىلھام مەنبەسى بولغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 21- چېسلا، يەنى 2 - كۈنى ئەتىگەن سائەت 09:30 دا تېمىلار بويىچە باشلىنىپ، چۈشتىن كېيىن سائەت 15:30 دا ئاخىرلىشىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر