70 ياشلىق ئۇيغۇر بوۋاي قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

لوپ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 25- ئىيۇل سوت ئېچىپ، بىر بوۋاينى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

108156
70 ياشلىق ئۇيغۇر بوۋاي قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» نىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 15- كۈنىدىكى سانىدىن مەلۇم بولۇشىچە، لوپ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى، ئۆيىدە «قانۇنسىز نەشرى بۇيۇم» ساقلىغان 70 ياشلىق بىر بوۋاينىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمنامە ئېلان قىلغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 2012- يىلى نامەلۇم بىر كىشى مەزكۇر بوۋايغا «ئوقۇپ باقسىلا» دەپ بىر كىتاب بەرگەن. بوۋاي كىتابنى ئېلىپ ئوقۇغان ۋە ئۆيىدە ساقلىغان. تەكشۈرۈش تارماقلىرى كىتابقا «توردىن چۈشۈرۈلۈپ قانۇنسىز نەشر قىلىنغان، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىپ قىلىدىغان ئەكسىيەتچىل كىتاب» دەپ باھا بەرگەن. سوت مەھكىمىسى، بوۋاينىڭ يېشىنىڭ چوڭلۇقى، كىتابنى ئۆزىلا ئوقۇپ، باشقىلارغا تارقاتمىغانلىقى، ئىپادىسىنىڭ ياخشى بولۇشى قاتارلىقلارنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇنىڭغا 3 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن ۋە تۆت يىل كېچىكتۈرۈشكە قارار قىلغان.
«قانۇنچىلىق گېزىتى» نىڭ 70 ياشلىق مەزكۇر بوۋاينىڭ ئىسمىنى «نادىر» غا ئۆزگەرتىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، «ئوقۇپ باققانلىقى» ئۈچۈنلا 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان كىتابنىڭ ھەقىقىي ئىسمىنى يوشۇرۇپ «ئەسەرلەر توپلىمى» دېيىش بىلەنلا كۇپايىلىنىشى ئالاھىدە دىققەتنى تارتتى.
گېزىتنىڭ مەزكۇر سانىدىكى يەنە بىر پارچە خەۋەردە، شۇ قېتىملىق سوتتا يەنە بىر كىشىنىڭ «قانۇنسىز نىكاھ ئوقۇپ قويۇش» بىلەن ئەيىبلىنىپ 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر