ئەردوغانغا تۈرك دۇنياسى خىزمەت مۇكاپاتى بېرىلدى

دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كوسوۋۇدىكى تۈرك يەرلىك ھۆكۈمىتى بولغان مامۇشانىڭ «تۈرك دۇنياسى» خىزمەت مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلدى.

101896
ئەردوغانغا تۈرك دۇنياسى خىزمەت مۇكاپاتى بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كوسوۋۇدىكى بىردىنبىر تۈرك يەرلىك ھۆكۈمىتى بولغان مامۇشا، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تۈرك دۇنياسى خىزمەت مۇكاپاتىغا لايىق كۆردى.
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا تېلېفون يىغىنى ئۇسۇلى بويىچە قاتنىشىپ، ئىشتىراكچىلارغا خىتاب قىلدى. كوسوۋۇ مامۇشا يەرلىك ھۆكۈمىتى «تۈرك دۇنياسى خىزمەت مۇكاپاتى» نى بۇ يىل تۇنجى قېتىم تارقاتتى. بۇ يىللىق مۇكاپاتقا جۇمھۇر رەئىسلىكىگە سايلانغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان لايىق كۆرۈلدى. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئىزمىردىن سايلانغان پارلامېنت ئەزاسى رىفات سائىت رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ۋاكالىتەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالدى.
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇنداق دېدى: «ھەممىڭلارغا مەلۇم سايلامنى باشتىن كەچۈردۇق. بۇ سايلامدا تۇنجى قېتىم خەلقنىڭ سايلىشى بىلەن جۇمھۇر رەئىسى بولدۇم. خەلقىمىزنىڭ بۇ قوللىشىغا بالقان رايوىدا بولسۇن، ياۋروپادا ياكى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا بولسۇن ئەڭ ياخشى شەكىلدە ۋەكىللىك قىلىمەن. بۈگۈنگىچە كوسوۋۇدا ۋە مامۇشادا سىلەر بىلەن قانداق بىرلىكتە بولغان بولساق، ئىنشائاللاھ بۇندىن كېيىنمۇ سىلەر بىلەن بىر يەردە بولىمەن.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر