ئەزەربەيجاندا روزا ھېيت نامىزى ئەتە قىلىنىدۇ

ئەزەربەيجاندا رەسمىي روزا ھېيت باشلاندى، ئەمما روزا ھېيت نامىزى ئەتە قىلىنىدۇ

72777
ئەزەربەيجاندا روزا ھېيت نامىزى ئەتە قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجاندا رەسمىي روزا ھېيت باشلاندى، ئەمما روزا ھېيت نامىزى ئەتە قىلىنىدۇ.
ئەزەربەيجاندا روزا ھېيت، ھيېت نامىزىنىڭ باشلانغۇچ تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك تالاش - تارتىشلارنىڭ كۆلەڭگۈسى ئاستىدا باشلاندى.
ئەزەربەيجاندا قارار بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە ئورۇن بولغان كاۋكاز مۇسۇلمانلىرى ئىدارىسى روزا ھېيت نامىزىنىڭ سەيشەنبە كۈنى قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.
روزا ھېيت نامىزى قىلىش ئۈچۈن جامەلەرگە بارغان خەلقنىڭ ناماز قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىدى.
ھەرقايسى جامەلەرنىڭ ئىماملىرى ھەم مەكتۇپ ئارقىلىق ھەمدە ئاغزاكى ھالدا روزا ھېيت نامىزىنىڭ 29 - ئىيۇل سەيشەنبە كۈنى قىلىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
ئەزەربەيجان، ئىران قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەردە روزا ھېيت ئەتە تەبرىكلىنىدۇ.
بىراق ئەزەربەيجاندا رەسمىي ھېيت بۈگۈن باشلاندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر