ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ تاشكەنتتە ئۇچرىشىشلىرىنى باشلىدى

بۈگۈن تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدا يېقىنقى ۋاقىتتىكى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم ئۇچرىشىش ئەمەلگە ئاشىدۇ.

124361
ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ تاشكەنتتە ئۇچرىشىشلىرىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتكە يېتىپ كەلدى. ئۇ زىيارىتى دائىرىسىدە، ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموۋ بىلەن كۆرۈشىدۇ.
ئىككى دۆلەت بۇ زىيارەتنى «يېڭى باشلىنىش» سۈپىتىدە قارىماقتا. بۇ قېتىمقى زىيارەت، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇزۇن داۋاملاشقان تۇرغۇنلۇقتىن كېيىن ئىشقا ئاشتى. ئارىدىن 13 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۇنجى قېتىم ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولدى.
ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ: «بۇ يېڭى ۋە تېخىمۇ كۈچلۈك باشلىنىش بولىدۇ» دەپ ئېيتقان زىيارىتى جەريانىدا، «دوستلۇق» سىگنالىنى تارقىتىدۇ. زىيارەتتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يۈز بەرگەن تۇرغۇنلۇق دەۋرىنىڭ خاتا چۈشىنىۋېلىشتىن كېلىپ چىققانلىقى تەكىتلىنىدۇ. يېڭى باشلىنىشتا، مەقسەت ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بولىدۇ.
ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ دەسلەپتە ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇلئەزىز كامىلوۋ بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ: «بۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغىنىمدىن بېرى ئىنتايىن چوڭ ھەسىرەت بىلەن كۈتكەن زىيارەت ئىدى. تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان كۈچلۈك ھالغا كەلگەندە ئاسىيادا مۇقىملىق ئەمەلگە ئاشىدۇ، بۇ دۇنياغا سىگنال بولىدۇ» دېدى. ئۇ پىرېزىدېنت كەرىموۋ بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى كەرىموۋ بىلەن كۆرۈشۈشى، سىياسىي جەھەتتىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ 11 – ئىيۇل ئۆزبېكىستاننىڭ تارىخىي شەھەرلىرى بولغان سەمەرقەنت ۋە بۇخارادا زىيارەتتە بولىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر