شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى سايلام ھەلەكچىلىكىدە

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە ھەم سايلام ئۆتكۈزۈلدى ھەمدە ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنى تەستىقلاش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلدى.

110654
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى سايلام ھەلەكچىلىكىدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە ھەم يەرلىك سايلام ئۆتكۈزۈلمەكتە ھەمدە ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنى تەستىقلاش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلماقتا.
يەرلىك سايلاملاردا 28 شەھەرلىك ۋە ناھىيەلىك ھۆكۈمەت باشلىقى ۋە جەمئىي 272 مەجلىس ئەزاسى سايلىنىدۇ. 28 شەھەرلىك ۋە ناھىيەلىك ھۆكۈمەت باشلىقى ئۈچۈن 106 نامزات رىقابەتلەشتى. 175 مىڭ 258 سايلىغۇچى بۇ قېتىمقى سايلامدا ئاۋاز بېرىدۇ.
يەرلىك سايلاملاردىن باشقا ئاساسىي قانۇن لايىھەسىمۇ خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇلدى.
ئاۋاز بېرىش پائالىيىتىدە 1985-يىلى دۆلەت قۇرۇلغاندىن بۇيان يۈرگۈزۈپ كېلىنىۋاتقان ئاساسىي قانۇننىڭ 21-ماددىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ياكى كىرگۈزمەسلىككە قارار بېرىلىدۇ.
ناۋادا ئاۋاز بېرىش پائالىيىتىدە ئىجابىي قارار چىقسا شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىغا 29 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلىدۇ.
ئاساسىي قانۇن لايىھەسى ئاز سانلىق ھەقلىرىدىن ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ قۇرۇلمىسىغىچە بولۇپ نۇرغۇن ساھەگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلىدۇ. يېڭى لايىھە دائىرىسىدە بالىلار ھەقلىرى كاپالەتكە ئېلىنىش بىلەن بىرگە، ئۆلۈم جازاسىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر