ئۇيغۇر رايونىدا ساقچىلار 13 كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى
خىتاي مەسئۇللار، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسنىڭ ھۇجۇمچى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا گۇناھسىز پۇقرانىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
102471
خىتاي مەسئۇللارنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئەتىگەندە قەشقەر رايونىدىكى بىر ساقچى فونكىتىغا بارغان ھۇجۇمچىلار ساقچى بىناسىغا نۇرغۇن ساندا پارتلاتقۇچ ئاتقان. ھۇجۇمدا 3 ساقچى ئۆلگەن.
ئاندىن ساقچىلارنىڭ ھۇجۇمچىلارغا ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە 13 نەپەر ھۇجۇمچى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
خىتاي مەسئۇللار، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسنىڭ ھۇجۇمچى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا گۇناھسىز پۇقرانىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
ئۇيغۇر رايونىدا مېھمانخانا ۋە ھۆكۈمەت بىنالىرىغا ھۇجۇم قىلغان دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ ئالدىنقى ھەپتىمۇ 13 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان ئىدى.