بىر ئەزەربەيجان ئەسكىرى شېھىت بولدى

ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە ئالدىنقى سېپىدە كېچە ۋاقىتلىرىدا چىققان ئېتىشىشلاردا بىر ئەزەربەيجان ئەسكىرى شېھىت بولغان.

96646
بىر ئەزەربەيجان ئەسكىرى شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىدىن ئېلان قىلىنغان مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئەرمېنىيە ئارمىيەسى ئالدىنقى سەپتە ئوخشىمىغان نۇقتىلارنى ئوققا تۇتقان. ئەزەربەيجان تەرەپ بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرغان ۋە ئېتىشىشلاردا بىر ئەسكەر شېھىت بولغان.
ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى زاكىر ھاسانوۋ شېھىت بولغان ئەسكەرنىڭ ئائىلىسىگە تەزىيە بىلدۈرگەن ۋە يۇقىرى خىزمەت مېدالى بەرگەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر