قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە

83051
قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى ئالمازبېك ئاتامبايېۋ بۈگۈن (4 – ئىيۇن) بودرۇمدا ئېچىلىدىغان 4 – نۆۋەتلىك تۈركىي تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر كېڭىشى ئالىي يىغىنىدىن بۇرۇن ئەنقەرەدە ئۇچرىشىشلاردا بولدى.

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل چانقايا سارىيىدا ئالمازبېك ئاتامبايېۋنى كۈتۈۋالدى ۋە ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۆھبەتتىن كېيىن، ئاتامبايېۋ باش مىنىستىرلىك مەھكىمىسىدە رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى رەھبەر ئايرىم ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتىن كېيىن، تۈركىيە – قىرغىزىستان ئالىي دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىندىن كېيىن، ئاتامبايېۋ بىلەن رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەمكارلىق كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى ۋە ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قىرغىزىستاننىڭ چوڭ ئۆزگىرىش باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى، بۇ مۇساپىدە ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىساد، سودا، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ساھەلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئاشقانلىقىنى ئېيتتى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھازىر تۈركىيەنىڭ قىرغىزىستان بىلەن تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 426 مىليون دوللار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئەلبەتتە، نىشانىمز بۇ رەقەمنى 2015 – يىلنىڭ ئاخىرىغىچە 1 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش» دېدى.

باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يەنە، تۈرك ھەمكارلىق تەشكىلاتى (TİKA) نىڭ قىرغىزىستاندىكى خىزمەتلىرىگە كۆپ ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقلىرىنى، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ھەر دائىم قىرغىزىستاننىڭ يېنىدا بولۇپ، سەھىيە ۋە مائارىپ ساھەسىدە نۇرغۇنلىغان لايىھەلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۆزىنى ئىسپاتلىغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ تۈرك ھەمكارلىق تەشكىلاتى قىرغىزىستاندا سالماقچى بولغان تارىخ مۇزېيىغىمۇ كۈچ چىقىرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئالمازبېك ئاتامبايېۋ سۆزىدە، ھەر قاچان تۈركىيە خەلقىنى قېرىنداش خەلق سۈپىتىدە كۆرگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيەنىڭ تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ئىچىدە ئەڭ تەرەققىي قىلغان ۋە ئەڭ چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە بىلەن قىرغىزىستان ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 1 مىليارد دوللارغا يېتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانىلقلىرىنى ئېيتقان ئاتامبايېۋ، تۈركىيەلىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى ماناس ئايرودۇرۇمىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى كۈتىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر