ئاتامبايېۋ تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى ئالمازبېك ئاتامبايېۋ تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

81277
ئاتامبايېۋ تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى ئالمازبېك ئاتامبايېۋ تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا.
قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى ئالمازبېك ئاتامبايېۋ، بودرۇمدا چاقىرىلىدىغان تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 4 - نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىدا رەھبەرلەر ئەنقەرەدە رەسمىي ئۇچرىشىشلاردا بولىدۇ.
جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل تەرىپىدىن چانكايا جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىنىدىغان ئاتامبايېۋ، كېيىنچە ئابدۇللاھ گۈل بىلەن ئايرىم كۆرۈشىدۇ.
ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن ئابدۇللاھ گۈل بىلەن ئاتامبايېۋ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنىدىغان كېلىشىملەرنىڭ ئىمزا مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.
ئاتامبايېۋ، تۈركىيە - قىرغىزىستان ئىستىراتېگىيەلىك ئالى ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك يىغىنىغا باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىمزالىنىدىغان كېلىشىملەردىن كېيىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل، چانكايا جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ئاتامبايېۋنىڭ شەرىپىگە كەچلىك تاماق زىياپىتى بېرىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر