قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى بىلەن تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى تۈركىيەد

ئەتە بودرۇمدا چاقىرىلىدىغان تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 4 - نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىدا رەھبەرلەر ئەنقەرەدە رەسمىي ئۇچرىشىشلاردا بولىدۇ

81267
 قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى بىلەن تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى تۈركىيەد

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى بىلەن تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا.
ئەتە بودرۇمدا چاقىرىلىدىغان تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ 4 - نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىدا رەھبەرلەر ئەنقەرەدە رەسمىي ئۇچرىشىشلاردا بولىدۇ.
تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى قۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋ، جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل تەرىپىدىن چانكايا جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىنىدۇ.
ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن ئابدۇللاھ گۈل بىلەن بەردىمۇھەممەدوۋ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنىدىغان كېلىشىملەرنىڭ ئىمزا مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.
كېيىنچە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى جەمىل چىچەك ۋە باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەنمۇ ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشىدىغان بەردىمۇھەممەدوۋ، تۈركىيە - تۈركمەنىستان سودا - ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىمۇ قاتىشىدۇ.
قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى ئالمازبېك ئاتامبايېۋمۇ بودرۇمدا چاقىرىلىدىغان باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىدا ئەنقەرەدە ئۇچرىشىشلاردا بولىدۇ.
چانكايا جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ئابدۇللاھ گۈل تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىنىدىغان ئاتامبايېۋ، كېيىنچە ئابدۇللاھ گۈل بىلەن ئايرىم كۆرۈشىدۇ.
ئاتامبايېۋ، تۈركىيە - قىرغىزىستان ئىستىراتېگىيەلىك ئالى ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك يىغىنىغا باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىمزالىنىدىغان كېلىشىملەردىن كېيىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل، چانكايا جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ئاتامبايېۋنىڭ شەرىپىگە كەچلىك تاماق زىياپىتى بېرىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر