تۈركىيە دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈردى

مىللىي تەنھەرىكەتچىلىرىمىز دۇنيا ۋالىبول بىرلەشمىسى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى...

2021442
تۈركىيە دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 19 ياشتىن تۆۋەن قىزلار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى دۇنيا ۋالىبول بىرلەشمىسى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى 16 ئايلانما مۇسابىقىسىدە جەنۇبىي كورېيە كوماندىسىنى 2 گە قارشى 3 نەتىجە كوماندىسىنى يېڭىپ، چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

<ب>  گۇرۇپپىسىنىڭ بايراقدارى بولغان مىللىي كوماندىمىز، ئاخىرقى 16 ئايلانما مۇسابىقىدە <د> گۇرۇپپىنى 4-لىك بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان جەنۇبىي كورېيە كوماندىسى بىلەن مەيدانغا چۈشتى.

كىرودىيەنىڭ ئوسىجېك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە تۈركىيە 25-26، 23-25​​، 20-25، 25-21 ۋە 15-10 نەتىجە بىلەن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر