تۈركىيە پۇتبول كوماندىسى ئۇتتۇرۇپ قويدى

2024-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى تەييارلىقلىرى رامكىسىدا، تۈنۈگۈن (10-ئىيۇن) ۋاراشاۋادىكى نارودوۋى تەنتەربىيە مەيدانىدا، پولشا كوماندىسى بىلەن تۈركىيە پۇتبول كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن دوستلۇق مۇسابىقىسىدە، تۈركىيە كوماندىسى ئۇتتۇرۇپ قويدى.

2151418
تۈركىيە پۇتبول كوماندىسى ئۇتتۇرۇپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن تۈركىيە-پولشا پۇتبول كوماندىلىرى ئوتتۇرىسىدا 2024-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى تەييارلىقلىرى رامكىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن دوستلۇق مۇسابىقىسىدە، تۈركىيە كوماندىسى 2 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى.

پولشا كوماندىسىنىڭ ماھىرى سۋىدېرسكى مۇسابىقە باشلىنىپ 12 مىنۇت ئۆتكەندە، تۈركىيە كوماندىسىنىڭ ۋاراتاسىغا بىر توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 0 گە قارشى 1 گە چىقاردى. مۇسابىقىنىڭ 77-مىنۇتىدا، تۈركىيە كوماندىسىنىڭ ماھىرى بارىش ئالپەر يىلماز قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسىغا بىر توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 1-1 تەڭلەشتۈردى. ئەمما، 90-مىنۇتتا پولشا كوماندىسىنىڭ ماھىرى سۋىدېرسكىنىڭ يەنە بىر توپ كىرگۈزۈشى بىلەن، تۈركىيە كوماندىسى مۇسابىقىنى 2 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان بولدى.  

2024-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدا، تۈركىيە، پورتۇگالىيە، گىرۇزىيە ۋە چېخىيە F گۇرۇپپىسىدا، پولشا، گوللاندىيە، فىرانسىيە ۋە ئاۋستىرىيە D گۇرۇپپىسىدا مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.

تۈركىيە كوماندىسى ياۋروپا لوڭقىسى F گۇرۇپپىسىدىكى تۇنجى مۇسابىقىسىنى 18-ئىيۇن (2024) سەيشەنبە كۈنى گىرۇزىيە كوماندىسى بىلەن باشلايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر