ئىسپانىيەنىڭ رەقىبى بۈگۈن ئېنىق بولىدۇ

ياۋروپا لوڭقىسى (EURO2024) نىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە چۈشىدىغان كوماندىلىرى بۈگۈن (10-ئىيۇل) ئېنىق بولىدۇ.

2161316
ئىسپانىيەنىڭ رەقىبى بۈگۈن ئېنىق بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن گوللاندىيە كوماندىسى بىلەن ئەنگلىيە كوماندىسى ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە مەيدانغا چۈشىدۇ.

مۇسابىقە «TRT 1» قانىلىدا ئەنقەرە ۋاقتى 22.00، ئۈرۈمچى ۋاقتى 11-ئىيۇل 1.00 دە نەق مەيداندىن تارقىتىلىدۇ. مۇسابىقىگە، گېرمانىيە پۇتبول فېدېراتسىيەسىنىڭ مەشقاۋۇلى (تىرېنېرى) فېلىكس زۋايا (Felix Zwayer) رېپېرلىق قىلىدۇ. مۇسابىقىدە ئۇتقان كوماندا، 14-ئىيۇل بېرلىن تەنتەربىيە مەيدانىدا ئىسپانىيە كوماندىسى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى لوڭقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر