تۈركىيە پۇتبول كوماندىسى پولشا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ

2024-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى تەييارلىقلىرى رامكىسىدا، بۈگۈن (10-ئىيۇن) ۋاراشاۋادىكى نارودوۋى تەنتەربىيە مەيدانىدا، پولشا كوماندىسى بىلەن تۈركىيە پۇتبول كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

2150883
تۈركىيە پۇتبول كوماندىسى پولشا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيە-پولشا پۇتبول كوماندىلىرى 2024-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى تەييارلىقلىرى رامكىسىدا دوستلۇق مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ. مۇسابىقە ئەنقەرە ۋاقتى 21.45، ئۈرۈمچى ۋاقتى 11-ئىيۇن 00.45 ئۆتكەندە، ت ر ت سپور قانىلىدا بىۋاستە تارقىتىلىدۇ. مۇسابىقىگە، ۋېنگىرىيە پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى بالاژ بەركە (Balazs Berke) رېپېرلىق قىلىدۇ.

2024-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدا، تۈركىيە، پورتۇگالىيە، گىرۇزىيە ۋە چېخىيە F گۇرۇپپىسىدا، پولشا، گوللاندىيە، فىرانسىيە ۋە ئاۋستىرىيە D گۇرۇپپىسىدا مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر