ئولىمپىك مەشئىلى كاننېس فېستىۋالىغا قاتناشتۇرۇلدى

فىرانسىيەلىك تەنھەرىكەتچىلەر 77-قېتىملىق كاننېس فىلىم فېستىۋالىدا قىزىل گېلەمدە ئولىمپىك مەشئىلىنى كۆتۈرۈپ ماڭدى.

2142777
ئولىمپىك مەشئىلى كاننېس فېستىۋالىغا قاتناشتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 77-قېتىملىق كاننېس فىلىم فېستىۋالىدا «مارسېللو مىيو» فىلىمى تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى، فىرانسىيەلىك تەنھەرىكەتچىلەردىن تەشكىللەنگەن بىر ئۆمەك ئولىمپىك مەشئىلىنى كۆتۈرۈپ سەھنىگە چىقتى.

فىرانسىيەلىك تەنھەرىكەتچىلەردىن ئانۇا ئاسسۇمانى (Arnaud Assoumani)، ئالېكسىس خانكىۋىنكۇانت (AlexisHanquinquant)، نېلىيا باربوسا (Nelia Barbosa) ۋە ماغى پاتۇللېت (Marie Patouillet) قىزىل گېلەمدە مەشئەلنى كۆتۈرۈپ ماڭدى. 2024-يىللىق پارىژ ئولىمپىك يىغىنى كومىتېتىنىڭ باشلىقى تونى ئېستونگېت (Tony Estanguet) كونا تەنھەرىكەتچى تېررىي غېي (Thierry Rey) قاتارلىق كىشىلەر، تەنھەرىكەتچىلەرگە ھەمراھ بولدى.

گىرېتسىيەدىن يولغا چىققان ئولىمپىك مەشئىلى 8-ماي (2024) فىرانسىيەنىڭ ئاقدېڭىز شەھىرى مارسىلياغا يېتىپ كەلگەن ئىدى. ئولىمپىك مەشئىلى 26-ئىيۇل 2024-يىللىق پارىژ ئولىمپىك يىغىنى باشلانغىچە فىرانسىيەدىكى 400 دىن ئارتۇق نۇقتىغا ئاپىرىلىدۇ.

فىرانسىيەدە 26-ئىيۇلدىن 11-ئاۋغۇستقىچە ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر